يېڭى پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. CBA ئورگان تورى يېقىندا يېڭى پەسىللىك تۇنجى باسقۇچتىكى دائىملىق مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىمۇ ئايرىم تارقىتىلغان. يېڭى پەسىللىك دائىملىق مۇسابىقە گۇرۇپپا ئايرىمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى لياۋنىڭ كوماندىسى، بېيكوڭ كوماندىسى، چىڭداۋ كوماندىسى، شەندوڭ كوماندىسى، جىلىن كوماندىسى، توڭشى كوماندىسى، جياڭسۇ كوماندىسى، گۇاڭجۇ كوماندىسى، تيەنجىن كوماندىسى قاتارلىقلار بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، ئوخشاش گۇرۇپپىدىكى كوماندىلار دائىملىق مۇسابىقىدە ئۆز-ئارا تۆت قېتىم ئۇچرىشىدۇ، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىدىكى كوماندىلار بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچرىشىدۇ.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تۇنجى باسقۇچتىكى 12 ئايلانما مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى تۆۋەندىكىچە:
1-ئايلانما: 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ سائەت 20:00، گۇاڭجۇ كوماندىسى VS شىنجاڭ كوماندىسى
2-ئايلانما: 10-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 20:00، شىنجاڭ كوماندىسى VS بېيكوڭ كوماندىسى
3-ئايلانما: 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00، شىنجاڭ كوماندىسى VS جىلىن كوماندىسى
4-ئايلانما: 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 20:00، شىنجاڭ كوماندىسى VS توڭشى كوماندىسى
5-ئايلانما: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈش سائەت 12:30، شەندوڭ كوماندىسى VS شىنجاڭ كوماندىسى
6-ئايلانما: 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30، شىنجاڭ كوماندىسى VS جياڭسۇ كوماندىسى
7-ئايلانما: 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 19:35، شىنجاڭ كوماندىسى VS تيەنجىن كوماندىسى
8-ئايلانما: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 20:00، شىنجاڭ كوماندىسى VS لياۋنىڭ كوماندىسى
9-ئايلانما: 11-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ سائەت 20:00، بېيكوڭ كوماندىسى VS شىنجاڭ كوماندىسى
10-ئايلانما: 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈش سائەت 12:30، چىڭداۋ كوماندىسى VS شىنجاڭ كوماندىسى
11-ئايلانما: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00، جياڭسۇ كوماندىسى VS شىنجاڭ كوماندىسى
12-ئايلانما: 11-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈش سائەت 12:30، توڭشى كوماندىسى VS شىنجاڭ كوماندىسى