شىرئەلىجاننىڭ CBAگە قېتىلغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە بولغان مائاش ئەھۋالى (تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى توردىن توپلانغان. CBA توختامى سىرتقا ئېلان قىلىنمايدىغان بولغاچقا، بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇ):
2009-2008: 100 مىڭ يۈەن (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
2010-2009: 300 مىڭ يۈەن (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
2011-2010: 500 مىڭ يۈەن (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
2012-2011: 600 مىڭ يۈەن (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
2014-2013: 800 مىڭ يۈەن (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
2016-2015: 900 مىڭ يۈەن (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
2017-2016: بىر مىليون يۈەن (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
2018-2017: بىر مىليون يۈەن (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
2019-2018: بىر مىليون يۈەن (گۇاڭجۇ كوماندىسى)
2020-2019: ئىككى يېرىم مىليون (شىنجاڭ گۇاڭخۇي)
شىرئەلىجانغا كەلسەك، كۆپ قىسىم مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پىشقەدەم، تۆھپىكار تەنھەرىكەتچىسى. ھەقىقەتەن شۇنداق، شىرئەلىجان شىنجاڭ كوماندىسىدا كەسپى ھاياتىنى باشلىغاندىن تارتىپ، ئىزچىل CBAدىكى ھەر قايسى كوماندىلار (بولۇپمۇ شىنجاڭ كوماندىسى) ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كەلدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە شىرئەلىجان 1991-يىلى تۇغۇلغان، شۇڭا قاتتىق تەلەپ بويىچە ئېيتقاندا، شىرئەلى يەنە بىر نەچچە يىل ئوينىيالايدۇ. ئەمما CBAدىكى تەجرىبىسى 10 يىل ئەتراپىدا بولۇپ، 10 يىل بۇرۇنلا دېڭخۇادېنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ بولغان.
شىرئەلىجاننىڭ كەسپى ھاياتىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە مېڭىشقا تەۋە دېيىشكىمۇ بولىدۇ. چۈنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە شىنجاڭ كومانسىدا ئىپادىسى بىر قەدەر يارقىن بولغان، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ئارقا مۇداپىئەچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ تەدرىجىي ھالدا دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنىنى يوقاتقان. ئەمما شەخسەن مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇ ئەمەلىي كۈچى تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قالغان بىككە تەۋە. شىرئەلىجاننىڭ مۇداپىئەسى قالتىس، پوزىتسىيەسى ئاكتىپ بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇداپىئەچىلەر ئىچىدە بىر قەدەر ئاز بولغان كۈچلۈك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان توپچى.
بۇلاردىن باشقا شىرئەلىجان بىر قەدەر قالتىس بولغان يىراقتىن توپ ئېتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئىلگىرى CBA چولپانلىرىنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. لېكىن گارغا توپ ئېتىش پۇرسىتىنى تاللاش جەھەتتە تېخى تازا پىشىپ يېتىلمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن يەنىلا ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە 10 نومۇردىن يۇقىرى نومۇر تەقدىم قىلدى.
دۆلەت ئىچىدىكى بېكلەر ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 3D توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەگەر شىرئەلىجاننىڭ يىللىق مائاشىنى كۆرۈپ باقىدىغان بولساق، شەخسەن مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە باشقا بىكلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىرئەلىجان قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان توپچى.
شىرئەلىجاننىڭ مۇسابىقىدىكى قىزغىنلىقى ۋە مەيداندىكى مۇداپىئە پوزىتسىيەسى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم بېكلەرنىڭ كەمچىللىكى بولۇپ، ئەگەر شىرئەلىجان گارغا توپ ئېتىشنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرسا، دۆلەت كوماندىسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ شىرئەلىجانغا يەنە بىر قېتىم ئوچۇق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.