يېڭى پەسىللىك تۇنجى مەيدان دائىملىق مۇسابىقىدە، يېڭىچە قىياپەتتىكى شىنجاڭ كوماندىسى پۈتۈنلەي يەرلىك ئەزا بىلەن 97:102 نەتىجىدە ئىككى چەتئەللىك ئەزا باشچىلىقىدىكى گۇاڭجۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىگە تاللانغان 12 كىشىلىك تىزىملىك ئىچىدە، جەمئىي بەش نەپەر يېڭى توپچى تۇنجى قېتىم شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى بۇ يىل يازدا زور ئۆزگىرىشلەرنى تاماملىدى، بۇ شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ قىيىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، «پىشقەدەم توپچى» زىڭ لىڭشۈنىڭ باشچىلىقىدا، شۇنداقلا كۆپلىگەن ياش توپچىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يېڭى مۇسابىقە پەسلىنى غەلىبىلىك باشلىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە زىڭ لىڭشۈنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن گۇاڭجۇ كوماندىسى كۆپ قېتىم ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلدى، شۇنداقلا ئاستا-ئاستا نومۇر پەرقىنى چوڭايتىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئىككىن چارەك مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭ كوماندىسى 10 نومۇردىن ئارتۇق پەرق بىلەن ئارقىدا قالدى. مۇسابىقە نەتىجىسى 40:27 بولغان ۋاقىتتا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن زىڭ لىڭشۈ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئىزچىل پاسسىپ ئەھۋالدا قالدى، ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى، دەل 13 نومۇر پەرق بولغان ئەھۋالدا تاڭ سەييۈ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۇنجى ئۈچ نومۇرلۇق توپىنى كىرگۈزدى، تاڭ سەييۈگە پاس بەرگىنى دەل زىڭ لىڭشۈ ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 0:15 نومۇرلۇق ھۇجۇم دولقۇنى قوزغىدى ۋە بىراقلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، بۇ جەرياندا زىڭ لىڭشۈ كۆپ قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغاندىن سىرت يەنە بەش نومۇر ئالدى.
مانا بۇ زىڭ لىڭشۈنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىنىڭ قىسقا كارتىنىسى، شىنجاڭ كوماندىسى مەيداندا پۈتۈنلەي پاسسىپ ئەھۋالدا قالغاندا، زىڭ لىڭشۈ كوماندىنىڭ تەتۈر ئېشىشىشىغا زور كۈچ قوشتى، گەرچە ئۇنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى قول سېزىمى ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ھۇجۇم تەشكىللەش جەھەتتە سۈرئەت ۋە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، مۇداپىئە جەھەتتىمۇ كوماندىغا زور كۈچ قوشتى، بۇ ئارقىلىق رەقىبىنىڭ سەۋەنلىك سادىر قىلىش قېتىم سانى كۆپەيدى، ئەكسىچە زىڭ لىڭشۈ 31 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ پەقەت بىر قېتىم سەۋەنلىك سادىر قىلدى.
يەنى بۇ بىر قېتىملىق سەۋەنلىك ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە غەلىبە مۇقىملاشقان ۋاقىتتا يۈز بەردى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا يەنە بەش مىنۇت 10 سېكۇنت ۋاقىت قالغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى ئاللىقاچان 94:92 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سەپداشلىرى بىلەن ماسلىشىش جەريانىدا سەۋەنلىك كۆرۈلدى. لېكىن بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ كوماندىسى ئاللىقاچان مەيداندا ئاكتىپ ئورۇندا تۇرغان بولغاچقا، ئادىلجان ترېنېر زىڭ لىڭشۈنىڭ بۇ قېتىملىق سەۋەنلىكىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى.
زىڭ لىڭشۈنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ھەر تۈرلۈك ئىپادىسى ئادىلجان ترېنېرنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى، زىڭ لىڭشۈ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 12 نومۇر ئالغاندىن باشقا يەنە توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس چىقاردى (كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى). بۇ مۇسابىقە پەسلىدە يۈ دېخاۋ، ۋاڭ جىڭبو قاتارلىق بېكلارنىڭ قوشۇلىشى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكىدەك زىڭ لىڭشۈگە تايىنىۋېلىش ئەھۋالىغا خاتىمە بەردى، شۇنداقلا زىڭ لىڭشۈ بېسىمىنى يېنىكلەتكەندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.