ئېلىمىز ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان تورىدا بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، تارىختا نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپكە ئېرىشكەن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى تارىخقا ئايلاندى.
بىرلەشمە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 25 يىللىق مۇساپىگە قارايدىغان بولساق، بىر نەچچە كوماندا بۇ جەرياندا ھەقىقەتەن بىرلەشمىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ قوشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىمۇ بار. ئۇلار تارىختا 11 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، سەككىز قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان قالتىس رېكورتلارنى ياراتقان. تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ تارىختا ياراتقان تۈرلۈك رېكورتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:
1. ئۇدا ئالتە قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش
بىرلەشمە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى بىرلەشمىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا ئىدى، ئۇلار 1996-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ئۇدا ئالتە يىل چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولۇپ، 2002-يىلى ياۋ مىڭ باشچىلىقىدىكى شاڭخەي كوماندىسى ئۇلارنىڭ ئۇدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئۇدا ئالتە قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشتەك بۇ قالتىس رېكورت ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.
2. پەسىل ھالقىپ ئۇدا 48 مەيدان غەلىبە قىلىش
1995-يىلى بىرلەشمە قۇرۇلغاندىن تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدە، ئادىلجان، ليۇ يۈدوڭ، جاڭ جىڭسوڭ، ۋاڭ جىجى قاتارلىق داڭلىق چولپانلار باشچىلىقىدىكى بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى بىرلەشمىدە تەڭداشسىز كۈچىنى نامايەن قىلغان. تۇنجى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئېلىمىز ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى بىر قېتىملىق سەككىز كوماندا ئۆز-ئارا مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقىدە رەت تەرتىپتە ئالدىنقى ئورۇندىكى ئالتە كوماندا بىۋاستە ھالدا CBA بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشى بەلگىلەنگەن، نەتىجىدە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى 14 مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان، ئارقىدىنلا باشلانغان تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىكى 22 مەيدان دائىملىق مۇسابىقىدە يەنە غەلىبە قىلغان، پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە تۆت مەيدان تولۇق غەلىبە قىلغان، شۇنداقلا پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدىكى 26 مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىشتەك نەتىجىسى بىلەن تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. كېيىنكى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ئۇدا سەككىز مەيدان غەلىبە قىلغان بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى 9-ئايلانمىدا لياۋنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، ئۇدا غەلىبە قىلىش قەدىمى ئاخىرلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۇدا 48 مەيدان غەلىبە قىلىشتەك تارىخى رېكورتنى ياراتقان. گەرچە ئۇنىڭدىن كېيىن بىرلەشمە كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلغان، مۇسابىقە مەيدان سانى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ئۇدا 48 مەيدان غەلىبە قىلىشتەك قالتىس رېكورتى تېخى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا يەنە ئۇزۇن مەزگىل ساقلىنىشى مۇمكىن.
3. يەككە مەيدان پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىش
2002-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ 3-مەيدان مۇسابىقىسىدە، بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى شەندوڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى 0:2 ئومۇمىي نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، يەنە بىر مەيدان غەلىبە قىلسىلا ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قوياتتى. 3-مەيدان مۇسابىقىدە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى ليۇ يۈدوڭنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشى بىلەن شەندوڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، چوڭ نومۇردا 0:3 رەقىبىنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ليۇ يۈدوڭ 41 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 37 قېتىم گارغا توپ ئېتىپ 24 قېتىم كىرگۈزۈپ، جەمئىي 56 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنى باشلاپ 101:116 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان. شۇنداقلا ليۇ يۈدوڭنىڭ يەككە مەيدان پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە 56 نومۇر ئېلىش رېكورتى تا ھازىرغىچە بۇزۇلمىدى (يەرلىك توپچىلار ئىچىدە بۇ رېكورتنى تېخى ھازىرغىچە بۇزالمىدى، چەتئەللىك ئەزالار بۇ تۈردە يېڭى رېكورت ياراتتى).
4. يەرلىك توپچىلارنىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئەڭ كۆپ قېتىم 50دىن ئارتۇق نومۇر ئېلىشى
بىرلەشمە قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە جەمئىي 11 نەپەر يەرلىك توپچى يەككە مەيدان مۇسابىقىدە ئاز دېگەندە 50 نومۇر ئېلىشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار ليۇ يۈدوڭ، سۈن جۈن، لى نەن، باتېر، خۇ ۋېيدوڭ، چېن شياۋگاڭ، يۈ جۈنشې، ۋاڭ جىجى، گېڭ سوڭلىن، تاڭ جېڭدوڭ ۋە ۋاڭ جېلىن قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە ليۇ يۈدوڭ جەمئىي ئالتە قېتىم يەككە مەيداندا 50دىن ئارتۇق نومۇر ئېلىشتەك ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، خۇ ۋېيدوڭ ۋە سۈن جۈن ئوخشاشلا ئىككى قېتىم، باشقا توپچىلار بولسا بىر قېتىمدىن بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. ليۇ يۈدوڭ بىرلەشمە تارىخىدا يەرلىك توپچىلارنىڭ يەككە مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ قېتىم 50دىن ئارتۇق نومۇر ئېلىش رېكورتىنى ياراتقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى رېكورتىمۇ ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
5. تۇنجى بولۇپ NBA بىرلەشمىسىگە قەدەم قويغان جۇڭگولۇق توپچى--ۋاڭ جىجى
1999-يىلىدىكى NBA يېڭى ماھىرلارنى تاللاش يىغىنىدا، ۋاڭ جىجى 36-ئورۇندا (2-ئايلانما 6-ئورۇن) موزاي كوماندىسى (ھازىرقى تەنھا پالۋان كوماندىسى)غا تاللانغان بولۇپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ رەسمىي NBA بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. ئۇ NBA بىرلەشمىسىگە قەدەم قويغان تۇنجى جۇڭگولۇق توپچى، مانا بۇ ئېلىمىز ۋاسكېتبولچىلىقىدىكى ئابىدە خاراكتىرلىك نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.
6. ليۇ يۈدوڭنىڭ FMVP مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى
بىرلەشمىنىڭ 20 نەچچە يىللىق تارىخىدا، FMVP مۇكاپاتى ساھىبى ئاساسلىقى ئاخىرىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندا ئەزاسىغا بېرىلىدىغان بولۇپ، لېكىن بىر قېتىملىقى بۇنىڭ سىرتىدا. يەنى 2002-يىلىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى شاڭخەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ ئۇدا چېمپىيون بولۇش قەدىمى ئاخىرلاشتى، لېكىن بۇ قېتىملىق FMVP مۇكاپاتى باھالاشتا، بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى ئەزاسى ليۇ يۈدوڭ شاڭخەي كوماندىسى ئەزاسى ياۋ مىڭنى يېڭىپ ئاخىرىدا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ بىرلەشمە تارىخىدا ھازىرغىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن كوماندا ئەزاسىنىڭ FMVP مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر مىسال بولۇپ قالدى. بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ليۇ يۈدوڭ ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 41.5 نومۇر، 6.2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش، 2.7 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان.
7. ليۇ يۈدوڭنىڭ يەككە مۇسابىقە پەسلىدىكى قالتىس نەتىجىلىرى
2001/2002 مۇسابىقە پەسلىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ياۋ مىڭ باشچىلىقىدىكى شاڭخەي كوماندىسى ئاخىرىدا بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئالتە قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كوماندا بولۇپ قالدى. لېكىن شەخسىي شان-شەرەپ جەھەتتە بۇ مۇسابىقە پەسلى يەنىلا بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى توپچىسى ليۇ يۈدوڭغا تەۋە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ليۇ يۈدوڭ دائىملىق مۇسابىقىدە ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 37 نومۇر، 7.8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك ئىپادىسى بىلەن دائىملىق مۇسابىقىدىكى نومۇر ئېلىش شاھى بولۇپ باھالانغان ۋە MVP مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كېيىن يەنە گەرچە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شاڭخەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ليۇ يۈدوڭ يەنىلا FMVP مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مانا بۇ يەرلىك توپچىلارنىڭ بىرلەشمە تارىخىدا ئەڭ قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى ھېسابلىنىدۇ.