بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:00دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، تۇنجى ئايلانمىدا مەغلۇپ بولغان توڭشى كوماندىسى بىلەن تيەنجىن كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. بۇ ئىككى كوماندا يېڭى پەسىلدىكى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر مەيدان كەسكىن تىركەتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسىكى شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئاخىرىدا توڭشى كوماندىسى 92-83 نەتىجىدە غەلبە قىلىپ، تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، تيەنجىن كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسىدىن شىرئەلىجان 17 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ خېڭ يىفېڭ 18 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ چياۋ ۋېنخەن 13 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ گو يىفېي 13 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۈن سىياۋ توققۇۇز نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ خاۋجې توققۇز نومۇر ئالدى؛ ۋەن سېڭۋېي ئالتە نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لى خوڭپېڭ بەش نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
تيەنجىن كوماندىسىدىن شى دېشۈەي 20 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋېلىپ، ئىككى قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ لىن تىڭچيەن 21 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ مېڭ زىكەي 12 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خې سىيۈ سەككىز نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ تيەن يۈ 10 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جىن شىن يەتتە نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.