بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، توڭشى كوماندىسى 83:92 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسى غوللۇق ئەزاسى شىرئەلىجان 17 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بېرىش ۋە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋېلىشتەك قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەندىن كېيىن، شىرئەلىجاننىڭ كەسپىي ھاياتىدا ياردەمچى پاس بېرىش سانى 1142 قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە جياڭسۇ كوماندىسى سابىق توپچىسى يى لى (1138 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن)دىن ئېشىپ بىرلەشمە تارىخىدا 24-ئورۇنغا ئۆتتى. ھازىر بۇ جەھەتتە شىرئەلىجاننىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان توپچى بولسا خەن شو بولۇپ، ئۇ كەسپىي ھاياتىدا 1146 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن. بىرلەشمە تارىخىدىكى «ياردەمچى پاس شاھى» بولسا خۇ شۆفىڭ بولۇپ، كەسپىي ھاياتىدا جەمئىي 2595 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.