ئېلىمىز ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدىن چېكىنگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تارىختا نۇرغۇنلىغان شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى تارىخقا ئايلاندى. لېكىن بۇ ئەھۋال بىلەن بىرلەشمە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە قىيىن نۇقتىغا دۇچ كەلدى:
ترېنېرلار ۋە توپچىلارنىڭ كەلگۈسى
كوماندا بىرلەشمىدىن چېكىنگەندىن كېيىن بارلىق توپچىلار ۋە ترېنېرلارنىڭ كەلگۈسى ھەممەيلەننى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ يىل يازدا كۆپلىگەن كوماندىلار بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىدىكى توپچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن، مەسىلەن كوماندىنىڭ يادرولۇق توپچىسى زوۋ يۈچېن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە تور بېكىتى ئاكونتىغا ئەگەشكەن، بېيجىڭ كوماندىسىمۇ گار ئاستى توپچىسىنى قوشۇۋېلىشقا قىزىققان، ئاساسلىق ھۇجۇمچى ليۇ شۈخاڭ بولسا لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەن، ئارسىلان توغرىسىدىمۇ ھەر خىل خەۋەرلەر تارقالغان.
بۈگۈنكى كۈندە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى بىرلەشمىدىن رەسمىي چېكىندى، لېكىن توپچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە باشقا كوماندىلارغا قوشۇلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئالدى بىلەن ھەربىيلىكتىن چېكىنىشى، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تاماملىشى كېرەك. نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، توپچىلار قىشلىق توپچى تىزىملىتىش كۆزنىكىدە باشقا كوماندىلارغا قوشۇلسا بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈنمۇ يەنە تۈرلۈك رەسمىيەت ۋە ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالى سەل مۇرەككەپ بولۇپ، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.
توپچىلاردىن باشقا يەنە ترېنېرلار گۇرۇپپىسىمۇ ئوخشاشلا ئەھۋالغا دۇچار بولىدۇ، باش ترېنېر ۋاڭ جىجى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن باشقا ليۇ يۈدوڭ، جاڭ جىڭسوڭ قاتارلىقلارنىڭ كەلگۈسىمۇ كىشىلەرنى ئويلاندۇرىدۇ.
بۇ پەسىلدىكى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىلىشى
بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ چېكىنىشى بىلەن دائىملىق مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى قالايمىقانلىشىپ كەتتى، بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟
تۇنجى ئايلانما مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا ئاساسەن، بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى تاماملانمىدى، لېكىن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى 20:0 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغانلىقى ھۆكۈم قىلىندى، بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. چۈنكى بىر مەيدان مۇسابىقىگە ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ ئاخىرقى رەت تەرتىپىگە، ھەتتا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى تەڭشەلمەي ھازىرقى بويىچە داۋاملاشسا، بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى بارلىق مۇسابىقىلەردە 20:0 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغانلىقى ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا كەڭ ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.
بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە كىم ۋارىسلىق قىلىدۇ؟
بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ چېكىنىشى بىلەن بىرلەشمىدە 19 كوماندا قالدى، بۇنداق بولغاندا بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ بوشلۇقنى كىم تولدۇرىدۇ؟ ئۆتكەن ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە، بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى ئىزچىل تەكلىپ بىلەن بىرلەشمىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دەل ئالدىنقى يىلىدىكى خەلقئارا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن ماھىرلارنى مەشىقلەندۈرۈش. بۈگۈنكى كۈندە بىرىنچى ئاۋغۇست ھەر قايسى كوماندىلىرى رەسمىي ھالدا بىرلەشمىدىن چېكىنىپ چىقتى، كېيىنكى ئەھۋال زادى قانداق بولىدۇ؟ بەلكىم بۇنىڭ جاۋابى پات ئارىدا ئاشكارىلىنىدۇ.