بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:00دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بېيكوڭ كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئابدۇسالامنىڭ يارىسى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەچكە بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 123-92 نەتىجىدە غەلبە قىلىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى، شۇنداقلا نومۇر پەرىقىنى چوڭلاتتى، بېيكوڭ كوماندىسى رەقىبىدىن ئېشىپ كېتەلمىدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 16:34 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.
2-چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، بېيكوڭ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىدى، شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر پەرىقىنى تېخىمۇ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 35:68 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
3-چارەكتە بېيكوڭ كوماندىسى رەقىبىدىن ئېشىش ئۈچۈن تىرىشتى، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىغا ئامال قىلالمىدى، 3-چارەك مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 57:95 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، بېيكوڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشقا ئامال قىلالمىدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 92:123 نەتىجىدە گۇاڭجۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن جوۋچى 18 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ تاڭ سەييۈ 24 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ رەپقەتجان 11 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ زېڭ لىڭشۈ ئۈچ نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ چى لىن 24 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ ئەزىمەت توققۇز نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لۇتپۇللا سەككىز نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ليۇ لىپېڭ 10 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛يۈ دېخاۋ ئىككى نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 14 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋۇ يوڭشېڭ يەتتە نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لياڭ يىڭچى بەش نومۇر ئالدى.
بېيكوڭ كوماندىسىدىن سۇن يۆ ئالتە نومۇر ئالدى؛ ۋاڭ زىرۈي تۆت نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋاڭ شياۋجيې سەككىز نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ فەن سەككىز نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لى گېن 13 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خۇ يىفەن توققۇز نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ لى جياخېڭ 17 نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.