شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى تولۇقلاندىمۇ؟

爱酷艺
2020-10-22
來源:qq.com

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 2-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى 92:123 نەتىجىدە چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن بېيكوڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا بۇ يىل يازدا يېڭىدىن قوشۇلغان توپچى يۈ دېخاۋ 24 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت بولغان 14 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ، كوماندىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى تۆھپىكارغا ئايلاندى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى، پۈتۈن كوماندا ئەزالىرى جەمئىي 79 قېتىم گارغا توپ ئېتىپ 48 قېتىم كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە 28 قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپ 16 قېتىم كىرگۈزدى، ئۆز-ئارا جەمئىي 34 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

بۇنىڭ ئىچىدە يۈ دېخاۋ 24 مىنۇتلۇق مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، گەرچە ئىككى قېتىم توپ ئېتىپ بىر قېتىم كىرگۈزۈپ ئىككى نومۇر ئالغان بولسىمۇ، لېكىن 14 قېتىملىق ياردەمچى پاس چىقىرىشى ھەممەيلەننى قايىل قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى.