CBA دائىملىق مۇسابىقىسى: شىنجاڭ 108:97 جىلىن

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2020-10-23
來源:سوخۇ


بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:00دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جىلىن كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئابدۇسالامنىڭ يارىسى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەچكە بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، جىلىن كوماندىسى 108-97 نەتىجىدە غەلبە قىلىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلىش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇردى.


مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى، لېكىن جىلىن كوماندىسىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم قىلدى، ئىككى كوماندا بىر-بىرسىدىن كۆپ نومۇر ئاشالمىدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 27:28 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.


2-چارەك مۇسابىقىدە جىلىن كوماندىسى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىدى، جىلىن كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە جىلىن كوماندىسىنىڭ 42:58 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.


3-چارەكتە شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبىدىن ئېشىش ئۈچۈن تىرىشتى، لېكىن جىلىن كوماندىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھۇجۇمنى بوشاشتۇرمىدى، شۇنداق بولسىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى كۈچۈپ نومۇر پەرىقىنى كىچىكلەتتى، 3-چارەك مۇسابىقە جىلىن كوماندىسىنىڭ 76:81 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.


ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيكەن بولسىمۇ، لېكىن جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشقا ئامال قىلالمىدى، ئاخىرىدا جىلىن كوماندىسى 97:108 نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.


بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن جوۋچى 41 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ تاڭ سەييۈ 11 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ رەپقەتجان 14 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋېلىپ، بىر قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ زېڭ لىڭشۈ يەتتە نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ چى لىن ئىككى نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئەزىمەت بىر نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈ دېخاۋ 13 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋۇ يوڭشېڭ ئالتە نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى.


جىلىن كوماندىسىدىن جاڭ پۇ 29 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جياڭ يۈشىڭ 24 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۈي پۇمىڭ 12 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 11 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ دەي خۈەيبو توققۇز نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ دىڭ خاۋرەن ئالتە نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوڭ چېڭ 12 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى جياڭ ۋېيزى 14 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى.