CBA دائىملىق مۇسابىقىسى: توڭشى 87:69 شەندوڭ، شىرئەلىجان 18 نومۇر ئالدى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-23
來源:جىبوبا تورى




بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:00دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، توڭشى كوماندىسى بىلەن شەندوڭ كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. بۇ ئىككى كوماندا كەسكىن تىركەشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسىكى شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئاخىرىدا شەندوڭ كوماندىسى 87-69 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.


بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسىدىن شىرئەلىجان 18 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ خېڭ يىفېڭ ئۈچ نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ چياۋ ۋېنخەن توققۇز نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ گو يىفېي يەتتە نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۈن سىياۋ تۆت نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جاھانگېر 11 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردە؛ ۋەن شېڭۋېي ئىككى نومۇر ئالدى؛ لى خوڭپېڭ ئالتە نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ساۋ فېي تۆت نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى.


شەندوڭ كوماندىسىدىن خاررېس 13 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ گاۋ شىيەن 16 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بەش قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جياۋ خەيلوڭ 12 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ خۈي 11 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاۋ خەنلىن 25 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋېلىپ، ئۈچ قېتىم توپ قېقىۋەتتى.