مەلۇم بىر CBA كوماندىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قانچە پۇل كېتىدۇ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-10-25
來源:تېڭشۈن


تېخى يېقىندا ئېلىمىز ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا بىرىنچى ئاۋغۇست ئەرلەر ۋە ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۆپلىگەن ۋاسكېتبول مەستانىلىرى بۇ ئىشتىن ئەپسۇسلاندى، گەرچە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ كۈلگۈسىگە ئالاقىدار خەۋەر تارقىلىشقا باشلىغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ھەممەيلەننى ئەپسۇسلارندۇرىدىغان نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. بىرلەشمە تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى ئاللىقاچان كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە سەھنىسىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ليۇ يۈدوڭ، لى نەن، جاڭ جىڭسوڭ، ئادىلجان ۋە ۋاڭ جىجى قاتارلىق داڭلىق توپچىلار ئۆزىنىڭ نادىر ئىپادىسى بىلەن كەڭ ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەزىرىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە ئۇنتۇلماس تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. مانا بۇ نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى تارىخقا ئايلاندى.

تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، CBA كوماندىسىنىڭ قىممىتى توغرىسىدا توختىلىمىز!

1. CBA كوماندىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

تارىخ ھامان ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، تەرەققى قىلىدۇ، ماسلىشالىغانلىرى تاللىنىدۇ، ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىدۇ. CBA بىرلەشمىسى 1995-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا جەمئىي 12 كوماندا بار ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى باشچىلىقىدىكى ئالتە كوماندا ھەربىي قىسىمغا قاراشلىق بولۇپ، بىرلەشمىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بۇ كوماندىلار باشقا چىقىش يولىنى تاللىدى، بىر قىسىملىرى بىرلەشمىدىن چېكىندى، بىر قىسىملىرى باشقا كوماندىلارغا ئۆزگەرتىلدى (مەسىلەن ھازىرقى گۇاڭشا كوماندىسى ۋە چىڭداۋ كوماندىسى).

2005-يىلى بىرلەشمە چوڭ ئۆزگەرتىشنى باشتىن كەچۈردى، بىرلەشمىگە قاتنىشىدىغان كوماندا چوقۇم مۇسابىقە مەيدانى ۋە باشقا ئەسلىھە، شۇنداقلا ياشلار مەشىق بازىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆلچەم بېكىتىلىپ، يۇقارقى تۈرلەردە ئۆلچەمگە يەتكەن كوماندىلار بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. 2010-يىلى بىرلەشمىگە قاتنىشىدىغان كوماندا سانى 20گە كۆپەيتىلدى ۋە تارىختا ئەڭ كۆپ كوماندا قاتنىشىدىغان سەۋىيەگە يەتتى. ياۋ مىڭ رەئىسلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تۈردە ئىسلاھاتلارنى يولغا قويدى، CBA شىركىتى (جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى شىركىتى) قورۇلدى، بىرلەشمىگە قاتناشقان 20 كوماندا تەڭ نىسبەتتە پاي چېكىگە ئىگە بولدى، شۇنداقلا ھەر بىر كوماندا ئۈچ مىليون يۈەن مەبلەغ چىقاردى.

كوماندىلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ياخشىلاندى، ھەر قايسى كوماندىلار زور مەغلەغ سېلىش ئارقىلىق قالتىس توپچىلارنى. شۇنداقلا چەتئەللىك ئەزالارنى قوشۇۋېلىشقا باشلىدى، لېكىن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى يۇقارقى «تەرەققىيات»لاردىن بەھرلىنەلمىدى، شۇنداقلا يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تەكلىپ بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشتى، شۇنداقلا بىرلەشمىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ماسلىشالمىدى.

2. ئۇنداقتا مەلۇم بىر CBA كوماندىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن زادى قانچە پۇل كېتىدۇ؟

ئالدى بىلەن بىز بىرلىكتە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا غوجايىن ئالماشتۇرغان NBA كوماندىلىرىغا قاراپ باقايلى: 2014-يىلى مىكروسوفت شىركىتى CEOسى بولمېر ئىككى مىليارد دوللارلىق باھا بىلەن كاتېر كوماندىسىنى سېتىۋالغان؛ 2017-يىلى راكېتا كوماندىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش سودىسى ئىككى مىليارد 200 مىليون دوللار بىلەن تاماملانغان؛ 2019-يىلى جۇڭگولۇق غوجايىن سەي چوڭشىن ئىككى مىليارد 350 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن تور كوماندىسىنى بىراقلا سېتىۋالغان.

NBA بىرلەشمىسىدىكى 30 كوماندا ۋە CBA بىرلەشمىسىدىكى 20 كوماندىنىڭ بازار قىممىتى كۆپ پەرقلىنىدۇ. ئېلىمىز بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بازار قىممىتى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن بولۇپ، مەسىلەن پېيى بازارغا سېلىنغان گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى تەخمىنەن ئىككى مىليارد 700 مىليون يۈەن.

ئېلىمىز بىرلەشمىسىدە غوجايىن ئالماشقان كوماندىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەل ھازىرقى بىرلەشمە رەئىسى ياۋ مىڭنىڭ راكېتا كوماندىسى، بىرلەشمىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىرىنچى ئاۋغۇست كوماندىسى ئۆزىنىڭ شاھلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋاقىتلاردا، دەل شاڭخەي كوماندىسى ئاستا-ئاستا بەش كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ شاھلىق دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرغان. 2002-يىلى ياۋ مىڭ NBA شاڭخەي كوماندىسىدىن ئايرىلىپ NBA بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، شاڭخەي كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى، مالىيە ئەھۋالى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەسىر كۈچى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ھەتتا بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئىككى يۈەنگە چۈشۈپ قالدى. 2009-يىلى شاڭخەي كوماندىسى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يىراقتا كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ياۋ مىڭ ئۆز يېنىدىن 20 مىليون چىقىرىپ شاڭخەي كوماندىسىنى سېتىۋالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ شاڭخەي كوماندىسى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا باشلىدى، گەرچە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە زىيان تارتىشتەك ئەھۋالدا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل بىرلەشمىدىن چېكىنىپ چىقمىدى.

2017-يىلى ياۋ مىڭ ئېلىمىز ۋاسكېتبولچىلار رەئىسى بولغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلمىلەر سەۋەبلىك شاڭخەي كوماندىسىنى سېتىۋىتىشقا مەجبۇر بولدى، بۇ ۋاقىتتا شاڭخەي كوماندىسىنىڭ بازار قىممىتى ئاللىقاچان 500 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، سەككىز يىللىق مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئۇ خېلى كۆپ كىرىم قىلدى.

بۇنىڭدىن يەتتە يىل بۇرۇن، يەنى 2013-يىلى 11-ئايدا، شەنشى كوماندىسى 150 مىليون يۈەن باھادا سېتىلغان؛ 2015-يىلى 6-ئايدا بېيكوڭ گۇرۇھى ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى كوماندا چۇڭچىڭ كوماندىسىنى 200 مىليون يۈەن باھادا سېتىۋالغان.

ئېلىمىز بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنى سېتىۋېلىش سودىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كۆرۈلمىدى، بىرلەشمىنىڭ تەرەققىياتى ھەممەيلەنگە ئايان، ئىلگىرىكى بىلەن زور پەرقلىنىدۇ، شۇڭلاشقا يۇقارقى سودىلارنىڭ ئانچە پايدىلىنىش قىممىتى يوق، شۇنداقلا ھەقىقىي باھاسىمۇ گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ بازار باھاسىدەك ئۇنچە يۇقىرى بولمايدۇ. ھازىرقى تۈرلۈك ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەردىكى كوماندىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليون يۈەن، ئەگەر بىر قەدەر چوڭ شەھەرلەردىن بىر كوماندىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ كېتىشى مۇمكىن.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھەر بىر كوماندا بىرلەشمىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، كوماندىلارنىڭ بازار قىممىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى دەل بىرلەشمە تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسىمى، شۇڭلاشقا بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ تېخىمۇ كەسپىيلىشىشى، ساغلام تەرەققىي قىلىشى دەل كەلگۈسى تەرەققىيات يولىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك مۇھىم ئامىل.