CBA دائىملىق مۇسابىقىسى: چىڭداۋ 95:127 بېيكوڭ، ئادامىس 27 نومۇر ئالدى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-26
來源:qq.com

جىبوبا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:35تە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن بېيكوڭ كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، چىڭداۋ كوماندىسى 127-95 نەتىجىدە غەلبە قىلىپ، ئۇدا تۆت مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، بېيكوڭ كوماندىسى بولسا ئۇدا تۆت مەيدان مەغلۇپ بولدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چىڭداۋ كوماندىسىدىن ۋاڭ رۈيزې 15 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ شاۋ يىڭلۈن يەتتە نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شۈ جياخەن بەش نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئادامىس 27 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋاڭ چىڭمىڭ 22 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ يۈيۈ 19 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ لىن ۋېنخەن ئۈچ نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاۋ داپېڭ توققۇز نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇ جۈەنشىڭ توققۇز نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

بېيكوڭ كوماندىسىدىن يۈ چاڭدوڭ 24 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇن يۆ بەش نومۇر، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋاڭ زىرۈي 15 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋاڭ شياۋجيې بەش نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ فەن بەش نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لى گېن 11 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خۇ يىفەن يەتتە نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇن توڭلىن 14 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.