CBA دائىملىق مۇسابىقىسى: شىنجاڭ 94:116 توڭشى، شىرئەلىجان 22 نومۇر ئالدى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-26
來源:تېڭشۈن تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:00دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن توڭشى كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئابدۇسالامنىڭ يارىسى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگەچكە داۋاملىق بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، شىرئەلىجان شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسى قالتسى ياخشى بولدى، لېكىن توڭشى كوماندىسى يەنىلا شىنجاڭ كوماندىسىغا تەڭ كېلەلمىدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 116-94 نەتىجىدە غەلبە قىلدى، توڭشى كوماندىسى بولسا ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى، شۇنداقلا نومۇر پەرىقىنى بارا-بارا چوڭلاتتى، توڭشى كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىنى توسۇپ قالالمىدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 16:30 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

2-چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى، توڭشى كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈشكە ئامال قىلالمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 37:57 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

3-چارەكتە توڭشى كوماندىسى رەقىبىدىن ئېشىش ئۈچۈن تىرىشتى، شۇنداقلا نومۇر پەرىقىنى ئازىراق تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ نومۇرنى تەڭلەشتۈرەلمىدى، 3-چارەك مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 67:80 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، توڭشى كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشقا ئامال قىلالمىدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 94:116 نەتىجىدە گۇاڭجۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، توڭشى كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن جوۋچى 22 نومۇر، 19 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋېلىپ، ئۈچ قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ تاڭ سەييۈ 23 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ رەپقەتجان تۆت نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ زېڭ لىڭشۈ 18 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 11 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ چى لىن 12 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ئەزىمەت تۆت نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لۇتپۇللا 10 نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ليۇ لىپېڭ سەككىز نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈ دېخاۋ ئىككى نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋۇ يوڭشېڭ ئىككى نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لياڭ يىڭچى 11 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

توڭشى كوماندىسىدىن شىرئەلىجان 22 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ چياۋ ۋېنخەن 22 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ گو يىفېي بەش نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۈن سىياۋ 18 نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جاھانگېر ئالتە نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋەن شېڭۋېي 10 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ساۋ فېي 11 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى.