شىنجاڭ 90:97 جىلىن

ئەلكۈيى تورى
2020-12-11
來源:تېڭشۈن تورى




بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:00دە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جىلىن كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئابدۇسالام بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىدى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 97-90 نەتىجىدە جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىشى ھەر ئىككى كوماندا كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى، جىلىن كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ نومۇر پەرىقىنى چوڭلاتتى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ جىلىن كوماندىسى 19:24 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

2-چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەنى كۈچەيتتى، شۇنداقلا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ جىلىن كوماندىسىدىن ئېشىپ كەتتى، 2-چارەك مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 45-44 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

3-چارەك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، جىلىن كوماندىسى نومۇرنى تەڭلەشتۈرۈشكە ئامال قىلالمىدى، 3-چارەك مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 64:75 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىنىڭ بېشىدا جىلىن كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىمۇ رەقىبىگە ئېشىپ كېتىش پۇرسىتى بەرمىدى، ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 90:97 نەتىجىدە جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن جوۋ چى 14 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ سەييۈ سەككىز نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ رەپقەتجان ئىككى نومۇر، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ زېڭ لىڭشۈ يەتتە نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ چى لىن 25 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ موتېيۇناس 18 نومۇر، 16 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋېلىپ، تۆت قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ يۈ دېخاۋ بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ليۇ لىپېڭ 17 نومۇر، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋاڭ جېڭبو تۆت نومۇر ئالدى؛ ئەزىمەت ئىككى نومۇر ئالدى.

جىلىن كوماندىسىدىن جونېس 25 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جياڭ ۋېيزى 11 نومۇر، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جياڭ يۈشىڭ توققۇز نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ دەي خۈەيبو 15 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوڭ چېڭ تۆت نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ دىڭ خاۋرەن توققۇز نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ پۇ تۆت نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.