شىنجاڭ كوماندىسى سابىق چەتئەللىك ئەزاسى CBAگە قايتىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-10-09
來源:تېڭشۈن تورى

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان چەتئەللىك ئەزا سىتوكېس ھازىر ئاساسەن ئەركىن توپچىغا ئايلانغان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چوڭ چەتئەللىك ئەزاغا موتېيۇناسنى بېكىتكەندىن كېيىن ئالدىنقى پەسىلدىكى سىتوكېس بىلەن توختام ئۇزارتىش خىزمىتىمۇ ئاخىرلاشقان، بۇنداق بولغاندا سىتوكېس ئەمدى باشقا كوماندىلار بىلەن سۆھبەتلىشەلەيدۇ.

2020100912113553910.jpg

ئىگىلىنىشچە، ھازىر كۆپلىگەن CBA كوماندىلىرى سىتوكېسنى قوشۇۋېلىشقا قىزىقىۋاتقان بولۇپ، سىتوكېس بۇ قېتىم يازدا چوڭ ئۆزگىرىش قىلغان، ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كوماندىغا قوشۇلۇشنى ئويلاشماقتا. بۇ شەرتلەردىن قارىغاندا، بېيكوڭ كوماندىسى ۋە بېيجىڭ كوماندىسى چوڭ چەتئەللىك ئەزا بېكىتىپ بولدى، شۇڭلاشقا سىتوكېس قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان كوماندىدىن يەنە ئىككى كوماندا قالدى.

2020100912115010622.jpg

ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنىمىز شاڭخەي كوماندىسى، چۈنكى شاڭخەي كوماندىسى بۇ يىل يازدا «قان ئالماشتۇرۇش»نى تاماملىدى، گەرچە فرېدېت ۋە دېنمون قاتارلىق ئىككى چەتئەللىك ئەزانى قوشۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى چەتئەللىك ئەزانىڭ مائاشى بەش مىليون دوللاردىن ئاشمايدۇ، بۇنداق بولغاندا يەتتە مىليون دوللارلىق مائاش قالپىقىدىن قارىغاندا يەنە ئىككى مىليون دوللاردىن ئارتۇق بوشلۇق بار، شۇڭا ئۇلارنىڭ يەنە ئىككى مىليون دوللار مائاش بىلەن سىتوكېسنى قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ.

2020100912115917797.jpg

ئەگەر سىتوكېس راستىنلا شاڭخەي كوماندىسىغا قوشۇلسا، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. بەلكىم بىرلەشمىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن شاڭخەي كوماندىسىنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقە سەپىرىگە زور كۈچ قوشالايدۇ.

يەنە بىر نامزات بولسا توڭشى كوماندىسى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە توڭشى كوماندىسى جەمئىي 14 نەپەر يەرلىك توپچى قوشۇۋالدى، باشقۇرۇش قاتلىمى يېڭىلاندى، گەرچە ئۇلارنىڭ ھازىرقى نىشانى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.