يەنە بىر تۆھپىكار توپچى شىنجاڭ كوماندىسى ترېنېرلار گۇرۇپپىسىغا قوشۇلىدۇ

2020-10-09
來源:


يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشقا ئانچە كۆپ ۋاقىت قالمىدى. گەرچە ھەر قايسى كوماندىلارنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە قارىتا تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە كوماندىلار چەتئەللىك ئەزا جەھەتتىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى.

2020100818094713278.jpg

بىرلەشمىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ كوماندىسىمۇ باشقا كوماندىلارغا ئوخشاشلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولالمىدى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىمۇ مۇشۇ جەھەتتە زور قىيىنچىلىق تارتقان شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرقى باسقۇچتىكى مۇسابىقىلەرنى پۈتۈنلەي يەرلىك ئەزالار بىلەن تاماملىدى ۋە ئاخىرىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە لياۋنىڭ كوماندىسى تەرىپىدىن شاللاندى.

2020100818095916751.jpg


بۇ يىل يازدا زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن شىنجاڭ كوماندىسى توغرىسىدا يېقىندا يەنە يېڭى خەۋەرلەر تارقالدى، يەنى ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان داڭلىق توپچى، تېخى يېقىندىلا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان جاڭ چىڭپىڭ شىنجاڭ كوماندىسى ترېنېرلار گۇرۇپپىسىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىندى. بىر تۈرلۈك ياش توپچىلار تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، باش ترېنېر ئادىلجانمۇ جاڭ چىڭپىڭنىڭ كوماندىدىكى ياش توپچىلارغا ئۆزىنىڭ مول تەجرىبىسىنى ئۆگىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

2020100818100853331.jpg


لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىدىن باشقا شەندوڭ كوماندىسىمۇ ئاللىقاچان جاڭ چىڭپىڭغا ترېنېرلار گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇشقا تەكلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، جاڭ چىڭپىڭ ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان، بۇ قېتىم ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەكلىپىنىمۇ رەت قىلامدۇ يوق؟ بۇنىسى تېخى نامەلۇم. ھەممەيلەنگە ئايانكى، جاڭ چىڭپىڭ ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئويناپ باققان، شۇنداقلا مەستانىلەرنىڭ ياقتۇرىشى ۋە قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن.