بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 1:55تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدا، مانچېستېر شەھىرى مېھمان مەيداندا ئولىمپىياكوس بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. مانچېستېر شەھىرى ھازىر ئۆز گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى ئورۇندا، ئولىمپىياكوس بولسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، مانچېستېر شەھىرى ساھىبخان مەيداندا 3-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان، ئۇنداقتا مانچېستېر شەھىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە داۋاملىق غەلىبە قىلالامدۇ؟
مۇسابىقە خاراكتىرى: ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسى
مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر 1:55
مۇسابىقە ئورنى: كارايىسكاكىس توپ مەيدانى
كۆرۈش نۇقتىسى 1: مانچېستېر شەھىرى غەلىبە قىلسىلا گۇرۇپپىدىن چىقىدۇ
ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە، مانچېستېر شەھىرى مېھمان مەيداندا 0-2 نەتىجىدە توتېنھامغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە قاپقىغا قارىتىپ 22 قېتىم توپ تەپكەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى، شۇنداقلا مۇداپىئەسى ناچار بولدى. مانچېستېر شەھىرى ھازىر ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 13-ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، بىرلەشمىدىكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ناھايىتى ياخشى، ئۇلار ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ توققۇز نومۇرغا ئېرىشتى، شۇنداقلا توققۇز توپ كىرگۈزۈپ ئاران بىر توپ كەتكۈزدى، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ئىپادىسىمۇ قالتىس بولماقتا. مانچېستېر شەھىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسىلا مۇددەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىدۇ، شۇڭا ئۇلار غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ.
كۆرۈش نۇقتىسى 2: ئولىمپىياكوسنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى قالتىس بولماقتا
ئولىمپىياكوسنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى ياخشى بولماقتا، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، گرېتسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا غەلىبە قىلدى، بولۇپمۇ ساھىبخان مەيداندىكى ئىپادىسى قالتىس، ئۇلار ساھىبخان مەيداندا فىرانسىيە زەردارى مارسېلنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچ نومۇرغا ئېرىشكەن. ئولىمپىياكوسنىڭ ساھىبخان مەيداندىكى ئىپادىسى مانچېستېر شەھىرىنىڭكىدىن ياخشى، ئەگەر باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىسە توتتېنھام بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدىكى تاكتىكىنى ئىشلىتىدۇ، يەنى مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقە گۇاردىئولانىڭ ئىقتىدارىنى سىنايدىغان مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئولىمپىياكوس بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە نومۇرغا ئېرىشسە، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.