ئالما ۋە تېسلا

ئەلكۈيى
2020-12-24
來源:IT

Wedbush تەھلىلچىسى Daniel Ives دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئالما تېسلا ياكى ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىلى قاتارلىق پىشىپ يېتىلگەن توكلۇق ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلسا، كەلگۈسى ئون يىلدا توكلۇق ئاپتوموبىل پۇرسىتىنى چىڭ تۇتىدىغان ئالتۇن ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ.

ئالما شىركىتى شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش ئارزۇسى ئۈچۈن كۆپ يىل تىرىشقان بولۇپ، Ives بۇ شىركەتنىڭ يېڭى بىر يىلدا «توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»نى ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشقا ئاساس سالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بولغان سۆھبەت Ivesنى ئىشەندۈردى، مۇستەقىل ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە زاۋۇت قۇرۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالما ئۈچۈن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئەڭ ياخشى تاللاش.

مۆلچەرلىنىشىچە، ئالما شىركىتى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تېسلا، ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىلى ياكى ۋېيلەي ئاپتوموبىلى، شياۋپېڭ ئاپتوموبىلى قاتارلىق جۇڭگو ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئېھتىماللىقى %70تىن ئاشىدىكەن.

Ives مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ يېڭى دەۋرى» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش ئاقىلانە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، چۈنكى كەلگۈسى ئون يىلدا توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرى «ئەڭ ئاخىرىدا بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇرسەت»كە ئايلىنىشى مۇمكىن.