بارسېلونا بىلەن خانلىق مادرىد مارادوناغا تەزىيە بىلدۈردى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:جىبوبا تورى

ئارگېنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆيىدە ۋاپات بولدى، ھازىر پۈتۈن پۇتبول دۇنياسى ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈۋاتىدۇ، خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونامۇ ئورگان تورىدە بۇ مەشھۇر پۇتبولچى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

مارادونا ئىلگىرى بارسېلونادا توپ تەپكەن، 1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە بارسېلوناغا ۋاكالىتەن 58 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 38 توپ كىرگۈزگەن، گەرچە ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بارسېلونانىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى ھېسابلىنىدۇ.

بارسېلونا ئورگان تورىدا مۇنداق دېدى: «بارلىقىڭغا رەھمەت، دىيېگو». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارسېلونا ئورگان تورى باش سۈرىتىگە قارا رەڭلىك لېنتا قوشقان بولۇپ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ مارادوناغا تەزىيە بىلدۈرۈشى.

خانلىق مادرىد پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ داڭلىق كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاشلا پۇتبول شاھىغا تەزىيە بىلدۈردى: «خانلىق مادرىد كۇلۇبى ۋە باشقۇرۇش قاتلىمى پۇتبول دۇنياسىنىڭ رىۋايىتى مارادونانىڭ ۋاپات بولغىنىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، خانلىق مادرىد مارادونانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ، ئۇ توپ تەپكەن كۇلۇبلاردىن، يەنە مارادونانىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مەستانىلىرىدىن ھال سورايدۇ».

مارادونا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر توپچىلارنىڭ بىرى، دۇنيادا مىليونلىغان مەستانىسى بار، شۇنداقلا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولۇشىدا ئاساسلىق كۈچ چىقارغان باشلامچى ھېسابلىنىدۇ.