بايدېن يارىلاندى، تىرامپ: ساقىيىپ كېتەرسىز

alkuyi.com
2020-11-30
來源:baidu.com




تىرامپ تورغا بايدېننىڭ يىقىلىپ چۈشۈپ داۋالانغاندىن كېيىن ئامبۇلاتورىيەدىن چىقىۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشىنى چىقارغان ھەمدە «سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازغان.

تىرامپنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى NBC (ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى)نىڭ ئاقساراي مۇخبىرى كېللى ئودونال (Kelly O'Donnell) ھەمبەھرىلىگەن. كېللى يازمىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: NBC ئاخبارات فوتوگرافى بايدېننىڭ دېلاۋىيەر ئىشتاتى سۆڭەك كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسىدىن ئايرىلغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، بۇ يېڭى سايلانغان زۇڭتۇڭ (كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى) بايىلا ئۇ يەردە داۋالانغان بولۇپ، دوختۇر ئۇنى شەنبە كۈنى يىقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ پۇتىنىڭ ئوشۇقىنى قايرىۋالدى، دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بايدېن ئىتى بىلەن ئوينىشىۋاتقاندا، تاسادىپىي ئوشۇقىنى قايرىۋالغان ھەمدە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوشۇقىنى تەكشۈرتكەن.