تۇرپان شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-دېكابىر، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا قەرەللىك نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر كىشىنىڭ نەتىجىسى مۇسبەت چىققان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويغان.
تۇنجى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى ئەر، 32 ياش، تۇرپان شەھىرى جىڭكەي رايونىدىكى بىر سودا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى خۇڭدۇن ئولتۇراق رايونىدا تۇرىدۇ.
تۇرپان شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تارماقلىرى تۇنجى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن يېقىن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى. بۇ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئايالى (28 ياش)، ئانىسى (63 ياش) نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، قالغانلىرى مەنپىي چىققان. نۆۋەتتە، كېسەللىك ئالامىتى يوق ئۈچ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، تېببىي كۆزىتىلمەكتە.
كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغاندىن كېيىن، تۇرپان شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن زىچ ئۇچراشقۇچىلار، يېقىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئايرىپ تېببىي كۆزەتتى، ئۇلار تۇرۇشلۇق كارخانا ۋە ئولتۇراق رايوننى قاتتىق كونترول قىلدى ۋە مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلىدى، تۈرلۈك ئالاقىدار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.
来源/天山网
编辑/许释文
ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ
来源:天山网
监制:麦提江
审稿:阿米娜
翻译:尼佳得
稿子:张伟
WWW.Alkuyi.Com