بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 13-ئايلانمىسىدا، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا لېۋانت بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بارسېلونا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، مېسسى باشچىلىقىدىكى توپچىلار تىزىملىككە تاللاندى، لېكىن پىك بىلەن دېمبېلې ئەسلىگە كەلمىگەچكە تىزىملىككە تاللانمىدى.
بارسېلونانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى:
قاپقىچى: 1-تېرستېگېن، 13-نېتو، 26-پېنا
بېك: 2-دېست، 4-ئاراۋخو 15-لېڭلېت، 18-ئالبا، 23-ئۇمتىتى، 24-فىرپو، 18-مىنگوزا
ئوتتۇرا مەيدان: 5-بۇسكېس، 6-ئالېنا، 8-پيانىچ، 12-پۇيگ، 14-كوتىنھو، 16-پېدرو، 19-ماسېئۇس، 21-دېيوڭ
ھۇجۇم: 10-مېسسى، 17-ترىنكاۋ، 9-برەيسۋەيت، 29-كونراد