قەشقەردە يېڭىدىن بەش كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-27
來源:央视新闻、天山网、石榴云客户端

ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: 10-ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى قەشقەر يۇقۇم ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.


قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى لىنيۈ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى:10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى سائەت 24 تىن 27 ـ كۈنى سائەت 17 گىچە، قەشقەردە يېڭىدىن بەش كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلاردىن   ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچىغا ئۆزگەرگەنلەر، يېڭىدىن 19 بىماردا كېسەل ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى كۆپەيدى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17 گىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەل 5 كە، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى 178 كە يەتتى.

لى لىنيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئومۇمىي ئادەم سانى 4 مىليون 746 مىڭ 500 بولۇپ، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 17 دە ۋىلايەت بويىچە بارلىق خادىملارنىڭ نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش پۈتۈنلەي تاماملانغان، دوكلات قىلىنغان قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدە 183 ئادەم مۇسبەت بولغاندىن سىرت، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەنپىي بولغان. باشقا ناھىيە، شەھەرلەردىكى بارلىق خادىملارنىڭ نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي .


بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق، بەلكىم يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، كېسەللىك جەريانىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلاردا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار بولۇشى مۇمكىن، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلار ھازىر ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ۋە كۆزىتىشنى قوبۇل قىلماقتا.

بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئەۋرىشكە ۋىرۇسىنى تولۇق گېن گۇرۇپپىسى بويىچە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يۇقۇمىنىڭ 7-ئايدىكى ئۈرۈمچى يۇقۇمى ۋىرۇسى بىلەن باغلىنىشلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىندى.