ئايرىۋېتىلگەنلەنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق ئۆلچىمى 150 يۈەن بولىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-10-27
來源:中国新闻网

ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: قەشقەر ۋىلايىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىكى يۇقۇم مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

20201027

شىنجاڭ ئاخبارات ئىشخانىسى فوتوسى


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 27-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن تىڭۋېن، جاۋ يامىن)، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى:   شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەسەت ئۇرايىم 27-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن 3-مەيدان قەشقەر يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇمنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېببىي كۆزىتىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدا ئايرىۋېتىلگەن خادىملارنىڭ ھەر كۈنلۈك تاماق ئۆلچىمى 150 يۈەن. تېببىي كۆزىتىش مۇددىتى توشقاندا، ئەگەر بىنورمالسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلمىسە، تېببىي كۆزىتىشنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك.

ئۇ مۇنداق دېدى: تېببىي كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەرقايسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. تۇرمۇش كاپالىتى جەھەتتە، بىر كىشىلىك ياتاق، يالغۇز كىشىلىك تازىلىق ئۆيى ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئاساسىي مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تېلېۋىزور، سىمسىز تور قاتارلىقلار سەپلىنىپ، ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ تۇرمۇش تەلىپى قاندۇرۇلىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.

27-ئىيۇل سائەت 17 گىچە، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەل 5 كە، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى 178 گە يەتتى.


« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: « يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى» ۋە« گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل بىمارى» بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار بەلگىلەنگەن ئورۇندا تېببىي جەھەتتىن كۆزىتىشى ياكى باشقا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. قۇيۇق ئۇچراشقۇچىلارغا قارىتا تېببىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش بىر خىل قوغداش خاراكتېرلىك تەدبىر بولۇپ، ھەم ئەتراپتىكى كىشىلەرنى قوغدايدۇ، ھەم قۇيۇق ئۇچراشقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇلارنى قوغدايدۇ.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 27-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن 3-مەيدان قەشقەر يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. جاۋ يامىن فوتوسى

ئەسەت ئۇرايىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئادىمىيەت غەمخورلۇقى جەھەتتە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەركەزلىك ئايرىلغانلار ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى ئىلمىدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، تېلېفون بېرىش، ئۈندىدار، QQ توپى قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئايرىۋېتىلگەنلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق، تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەملىشىپ ھەل قىلىمىز. خادىملارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىقى بولغان داۋالاش مۇلازىمىتىنى دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئەسئەت ئۇرايىم مۇنداق دېدى: دېزىنفېكسىيە قىلىش جەھەتتە، يوقىتىش قائىدىسى بويىچە، ھەر كۈنى ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەلىپى بويىچە، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا قارىتا ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي يوقىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.


ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ، قىزىش، يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى ۋە ئىچ سۈرۈش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەش كېرەك.

تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە، ئايرىش خادىملىرى ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، سالامەتلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى، سالامەتلىكى يار بەرمىسە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك تېببىي كۆزىتىش مۇددىتى توشقاندا، ئەگەر بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىسە، تېببىي كۆزىتىشنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش كېرەك.


ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ماددىي ئەشيا كاپالىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، مەكتەپ، كەنت ( مەھەللە )، داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ۋاقتىدا ئىستاتىستىكا قىلىپ، خىراجەت كاپالىتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېتىۋېلىش يېشىل يولى ئېچىپ، ماددىي ئەشيا زاپىسى تارقىتىش خىزمەت قائىدىسى ۋە مەشغۇلات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.