پۇل تېپىش نېمىشقا بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىدۇ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-10-27
來源:ۋاڭيى تورى

ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ياكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، نۇرغۇن كىشىلەر قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن. ئەينى چاغدا سىز پەقەت جاپادىن قورقماي تىرىشىپ ئىشلىسىڭىزلا، كارخانا قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ ئىدى، چۈنكى تىجارەتچىلەر نېمىلا ساتسۇن ھەممىسىگە بازارنىڭ ئېھتىياجى بار ئىدى. ئەمما ھازىر كىشىلەر مەيلى ئىشلەمچىلىك قىلسۇن ياكى ئىگىلىك تىكلىسۇن، ئازغىنە پۇل تېپىشنىڭمۇ بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىپ بارغىنىنى ھېس قىلماقتا.

بۇنىڭغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى مۇنداق: بىر تەرەپتىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، جۇڭگو 40 نەچچە يىلنى باشتىن كەچۈردى، بازار بارغانسېرى قېلىپلاشتى، ئىلگىرىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا تايىنىپ پۇل تېپىش پۇرسىتى بارغانسېرى ئازايدى، بوشلۇق بارغانسېرى كىچىكلىدى. ئەمدىلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن چاغلاردا، نۇرغۇن ساھەلەردە يوچۇق مەۋجۇت بولۇپ پايدىلىنىشقا بولاتتى، شۇڭا قىينالمايلا پۇل تېپىش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ھازىر سىياسەتتىكى يوچۇق يوق بولدى، پۇل تېپىش تەسلەشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلگىرىكى جۇڭگو ئىقتىسادى كەمچىل ئىگىلىك ئىدى، ھازىر نىسبەتەن ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن ئىقتىسادقا قەدەم قويدى، بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆزگەردى، ئوخشاش سۈپەتلىك رىقابەت كەسكىنلەشتى، بۇ ئەھۋال پۇل تېپىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇۋەتتى.

بىراق، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ھازىر پۇل تېپىشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىشىدا ئاساسلىقى يەنىلا تۆۋەندىكى بىرقانچە سەۋەب بار: بىرىنچى، ئىلگىرى جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش كۆرۈلگەن ئىدى، كېيىن بۇ خىل ئېشىش تەدرىجىي ئاستىلىدى. ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، مەبلەغ سېلىش خەتىرى بىر قەدەر كىچىك بولغاچقا، پۇل تېپىش تەبىئىيلا كۆپ ئاسانلىشىدۇ. ئوخشاشلا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ نۆۋەتتىكى تۆۋەنلەش ئەھۋالى ھەمدە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش تۈپەيلى، پۇل تېپىشنىڭ خەتىرى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى چوقۇم بارغانسېرى زورىيىدۇ. پۇل تېپىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي دەۋردىن ئايرىلمايدۇ.

ئىككىنچىدىن، دەسلەپتە دېھقانلار يەر تېرىشقا، ئىشچىلار «چوڭ قازان»نىڭ ئېشىنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەمما، ھازىر ھەممەيلەن تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىشنى ئۆگىنىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى كەسىپلەردە رىقابەت كەسكىنلىشىپ، پۇل تېپىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، فۇجيەنلىكلەر تاللا بازىرى ئېچىپ پۇل تاپقان، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن فۇجيەنلىكلەر بۇ سودىنى قىلغان. يەنە بەزىلەر باشقىلارنىڭ دوختۇرخانا ئېچىپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممىسى مۇشۇ ئىشنى قىلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە، مونوپول ساھەدىكى كەسىپلەردىن باشقا، رىقابەت خاراكتېرلىك ھەممە كەسىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن لىق تولغان. ھازىر بەزى ساھەلەردە دەسلەپتە ئاز-تولا پۇل تاپقىلى بولسىمۇ، بارا-بارا كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بارغانسېرى قىيىنلاشتى. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇپلا قالماي، سودا قىلىشمۇ قىيىنلىشىپ، پايدا بوشلۇقىمۇ بارغانسېرى كىچىكلىدى. شۇڭا، كارخانىنىڭ پايدا ئۈنۈمىمۇ تازا ياخشى ئەمەس، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. ھازىر ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كۈنى تازا ياخشى ئەمەس، پەقەت ئادەم سانىنى ئازايتىش، بىر ئادەم قوشۇمچە خىزمەت قىلىش ئارقىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلەتمەكتە. ئىشلەمچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر مال باھاسى بارغانسېرى ئۆستى، ئەكىسچە كىرىمى ئانچە كۆپ ئاشمىدى، بۇ ھال تەبئىيلا ئۇلارنى پۇل تېپىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرمەكتە.


تۆتىنچى، ئۆي ئىجارىسى بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە، پۇل تېپىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى. كۆكتات دۇكىنى ئاچقان بىر غوجايىننىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا كۆكتات، مېۋە-چېۋە سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بىر يىلدا 200-300مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئالغىلى بولغان، بىراق دۇكان خۇجايىنى ھەر يىلى دۇكان ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرگەن. كۆكتات، مېۋە-چېۋە سودىسى ئەسلىدىنمۇ ئاران نەچچە يۈەنلىك پايدا بىلەن بولىدىغان سودا، دۇكان ئىجارىسى بۇنداق قىممەت بولغاندا، كۆكتات دۇكىنى ئېچىپ كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھەر تۇرۇپ كەچ ئۇخلاش كېرەك. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشلىگۈسى يوق، چۈنكى ئىشلىسىمۇ دۇكان ئىگىسى ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىدۇ. دۇكان باھاسى بارغانسېرى ئۆسمەكتە، دۇكان ئىجارىسىمۇ بارغانسېرى ئۆسمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپداشلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشمەكتە. دۇكان ئىجارە ئېلىپ سودا قىلىدىغان كىشىلەر پۇل تېپىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتتى دەپ قارىماقتا.


بەشىنچى، ئەسلىدە مال باھاسى مۇقىم بولسا، مەيلى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئالغان پۇل ياكى ئىشلەمچى ئالغان ئىش ھەققىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى يامان ئەمەس بولاتتى، ئەمما مال باھاسى ھەر يىلى%3لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مال كىرگۈزۈش تەننەرخى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سېتىش باھاسى مۇناسىپ ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلمەي، پايدا نىسبىتى ئازىيىپ كەتتى. ئىشلەمچىلەر ئەسلىدە 3~ 4 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بىلەن نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيتتى، ھازىر مال باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا، لېكىن كارخانىنىڭ پايدا ئۈنۈمىمۇ ياخشى ئەمەس، پەقەت كۆرۈنۈشكە 200، 300 يۈەنلا قوشۇپ قۇيىدۇ. مال باھاسى ئۆسمەكتە، ئەمما كىرىمىنىڭ ئېشىشى سۈرئىتى مال باھاسىنىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىگە يېتەلمەيۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋالمۇ كىشىلەرنى ھازىر پۇل تېپىش بارغانسېرى تەسلىشىپ كېتىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا ئەكىلىپ قويىدۇ.

ھازىر جەمئىيەتتە پۇل تېپىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن خېلىلا چوڭ. ھازىر مەيلى ئىگىلىك تىكلەشتە بولسۇن ياكى ئىشلەمچىلىك قىلىشتا بولسۇن، پۇل تېپىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپچىلىك بىرەر ساھەگە قەدەم قويغاندا، پۇل تېپىش چوقۇم بارغانسېرى قىيىنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىمۇ پۇل تېپىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كارخانىنىڭ پايدا ئۈنۈمىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ئارزۇسى كۈچلۈك ئەمەس، ئىشچى خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، مائاشنىڭ ئۆسۈشى پۇل پاخاللىقىنى يېڭەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، GDP تورتى (GDP 蛋糕نىڭ ئېشىش نىسبىتى چەكلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆپچىلىك تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتلىشىدۇ، پۇل تېپىش ئېنىقلا بارغانسېرى تەسلىشىدۇ.