ئادەم ئەڭ كەمچىل كەسىپلەر ئېلان قىلىندى !

ئەلكۈيى تورى
2020-10-27
來源:تېڭشۈن تورى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 23-ئۆكتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2020-يىلى 3-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە خىزمەت ئىزدەشتە «ئەڭ كەمچىل» بولغان 100 كەسىپ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى 10 قاتاردا تۇرىدىغان كەسىپلەردىن: ماركېتىڭچى، تازىلىق ئىشچىسى، ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى، ئامانلىق ساقلىغۇچى، تاۋار تىجارەتچىسى، ئائىلە مۇلازىمەتچىسى، خېرىدار مۇلازىمىتى باشقۇرغۇچىسى، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىسى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى، ماشىنا ئىشچىسى.


تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، 3-پەسىلدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئادەم سانى ۋە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ سانىدا ئالدىنقى ئايدىكىدىن «قوش تۆۋەنلەش» كۆرۈلگەن بولۇپ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، يوچۇقلار كۆپىيىپ، تەمىنلەش-تەلەپ مۇناسىۋىتى يەنىلا كەسكىنلەشكەن. «ئادەم ئەڭ كەمچىل 100 كەسىپ» تىن قارىغاندا، تەكلىپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئادەم سانى 2-پەسىلدىكى 1 مىليون 489 مىڭ ئادەمدىن 1 مىليون 316 مىڭ ئادەمگە؛ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر 2-پەسىلدىكى 743 مىڭ ئادەمدىن 492 مىڭ ئادەمگە؛ كەمچىل بولغان ئادەم سانى 2-پەسىلدىكى 746 مىڭ ئادەمدىن 824 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. ئومۇمىي ئادەم قوبۇل قىلىش ھەسسە نىسبىتى (قوبۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئادەم سانى بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى) %32.8 ئۆرلىگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2-پەسىلدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئېلىپ كەلگەن قايتا ئۆرلەش ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ، بازاردىكى ئومۇمىي تەمىنلەش- تەلەپ نورمال ھالىتى ئەسلىگە كەلگەن، لېكىن «ئادەم ئەڭ كەمچىل 100 كەسىپ»نىڭ تەمىنلەش- تەلەپ مۇناسىۋىتى يەنىلا جىددىي بولغان.

تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ جانلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئاشقان، مەكتەپلەردە قايتا ئوقۇش باشلاشتا ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن تىزىش كەسپىدىكى 28 كەسىپنىڭ 19ى ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، %67.9نى ئىگىلىگەن. مەسىلەن، «ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ياساش ئىشچىسى»، «ۋاكۇئۇملۇق ئېلېكتىرون دېتال زاپچاسلىرىنى ياساش ۋە تەڭشەش ئىشچىسى»، «مېتال ماتېرىيال قۇرۇلۇش تېخنىكى»، «ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى قايتا ياساش ئىشچىسى» قاتارلىقلار؛ يېتىشمەسلىك دەرىجىسى ئاشقان 15 كەسىپنىڭ بەش كەسپى ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى% 30نى ئىگىلىگەن. مەسىلەن، «شىلىش ئىشچىسى»، «قۇراشتۇرۇش ئىشچىسى»، «ئەسۋاب ياساش ئىشچىسى» قاتارلىقلار. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش پەسىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، «ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ئوقۇتقۇچىسى»، «باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئوقۇتقۇچىسى»مۇ تۇنجى قېتىم رەتكە تىزىلغان.

تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشكە ئالاقىدار كەسىپلەر كەمچىل بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك پەسەيگەن. «تىككۈچىلىك» يەنىلا رەت تەرتىپى ئىچىدە ساقلانغاندىن باشقا، «تىكىش ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش ئىشچىسى»، «تېببىي ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىشچىسى»، «ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى»، «دورا ياسالمىلىرى ئىشچىسى»، «كېسىش ئىشچىسى» قاتارلىق بەش كەسىپنىڭ ھەممىسى رەت تەرتىپىدىن چېكىنىپ چىققان، رەت تەرتىپى 100 دىن ئاشقاندىن سىرت، كەمچىل بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك پەسەيتىلگەن.