ھازىرقى بۇ جەمئىيەتتە، كىشىلەر بارغانسېرى توردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، چۈنكى بۇ تور دەۋرى بولۇپ قالدى. بۇ تور دەۋرىدە كۆپلىگەن ئىنتېرنېت ماگناتلىرى بارلىققا كەلدى. مەسىلەن ھازىر 530 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىشلىتىۋاتقان تېڭشۈن QQ، تېڭشۈن پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ـــ ما خۇاتېڭ؛ نۇرغۇن ئاممىغا ناھايىتى زور مال سېتىۋېلىش قولايلىقى يارىتىپ بەرگەن ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ـــ ما يۈن قاتارلىقلار.
ئۇلار يەنى قەدىناس دوستلار، شەخسىي مەنپەئەت ئالدىدا بۇ ئىككىيلەن ئارىسىدا ئانچە-مۇنچە تالاش-تارتىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. ھالبۇكى، ما يۈن ۋە ما خۇاتېڭ ئارىسىدىكى غەزەپنى بېسىقتۇرالايدىغان شۇنداق بىر ئادەم بار، ئۇ دەل ما يۈن ۋە ما خۇاتېڭنىڭ ئورتاق دوستى ۋۇ يىڭ.
ما خۇاتېڭ، ۋۇ يىڭ، ما يۈن
چوڭامنىڭ دوستى، تەبىئىيلا چوڭام بولىدۇ
ھازىر ما يۈن تىلغا ئېلىنسا ئۇنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق. ئۇنىڭ شىركىتى ئاچقان مال سېتىۋېلىش تور بېكىتى دۆلەت ئىچىدە كەڭ ئىشلىتىلىپلا قالماي، چەتئەللەردىمۇ بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ شىركىتى قارمىقىدىكى شىركەت تەتقىق قىلىپ ئاچقان تاۋباۋ تورى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە بولۇپ قالدى، مەيلى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى خىزمەتچىلەر بولسۇن ھەتتا ياشىنىپ قالغان كىشىلەر بولسۇن ھەممىسى ئۇنىڭدىن مال سېتىۋالالايدۇ.
ما يۈن ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قارىتىپلا قالماي، يەنە يېمەك-ئىچمەك كەسپى، كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپى قاتارلىقلارغىمۇ قاراتتى ۋە مەبلەغ سالدى، ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۈچ چىقاردى، ئۇ يەنە تەبىئەتنى قوغداش جەمئىيىتىگە قاتناشتى. ئالاھىدە نەتىجە قازانغان ما يۈن ئۇدا ئىككى يىل پۈتۈن دۇنيادىكى جۇڭگولۇق بايلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، مال-مۈلكى ئاللىقاچان نەچچە 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
ما يۈن يەنە 2019-يىلى، 2020-يىلى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېلگىيە پادىشاھى، ئىئوردانىيە پادىشاھى بەرگەن ئوردېنغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ دەرىجىلىك ئوردېنغا ئېرىشكەن بىردىنبىر جۇڭگولۇق. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. يەنە بىر ئالاقە تورى ماگناتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ ئوخشاشلا پۈتۈن دۇنيادىكى بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، ئۇ دەل تېڭشۈن پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ما خۇاتېڭ.
ھازىر تېڭشۈن تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ھەم ياخشى كۆرىدۇ ھەم نەپرەتلىنىدۇ، ئۇ جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن پەيتلىك ئالاقىلىشىش يۇمشاق دېتالى QQ نى كەشىپ قىلغان شىركەت، QQ نىڭ كۆپچىلىككە تۇرمۇش جەھەتتە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرى ھەممىگە ئايان. مەيلى ئىككى ئادەمنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولسۇن، پەقەت تور مەۋجۇت بولسىلا، بۇ كىچىككىنە پىروگرامما ئارقىلىق قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، تېڭشۈن پەن-تېخنىكا شىركىتى نۇرغۇن قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ ئويۇنلار خۇددى ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئۇلاپ يوقىتىش (消消乐) ئويۇنى، نۇرغۇن كىشىلەر رىقابەتلىشىدىغان QQ ئۇسسۇلى (QQ炫舞) ئويۇنى، QQ ئۇچار ماشىنىسى (QQ飞车) ۋە يەنە ھازىر ناھايىتى مودا بولىۋاتقان يانفون ئويۇنىدىن شاھنىڭ شەرىپى قاتارلىقلار، بۇ ئويۇنلار ئاممىنىڭ زېرىكىشلىك تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە تۈگىتىپ، نۇرغۇن خۇشاللىق ئاتا قىلدى. لېكىن، ئۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان «كېجىن» (氪金) تور ئويۇنىدا قىممەت تولۇقلاش سىستېمىسىنى ھەقىقەتەن كىشىنى مۇداپىئەسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
تېڭشۈن پەن-تېخنىكا شىركىتى مۇشۇ سەۋەبتىن خېلى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن، ما خۇاتېڭ توردا مەبلەغ سېلىپلا قالماي، يەنە تېلېگراف جەھەتتىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە 2-ئورۇنغا ئۆتكەن، مال-مۈلكىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىگە يەتكەن، بايلىق تورىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ كەمتەر، باي كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تور شىركىتىنى بەرپا قىلغان.
ما يۈن بىلەن ما خۇاتېڭ ئالاقە تورى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانىكەن، ھەر ئىككى ئادەم ھەر خىل سودا پائالىيەتلىرىدە تەبىئىي ھالدا ئۆزئارا ئالاقە باغلايدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ. بەزىدە ئىككى ئادەم بىللە ھەمكارلىشىدۇ، لېكىن كۆپ ۋاقىتلاردا، ئىككى ئادەم يەنىلا رىقابەت مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن سودا جەڭگاھىدا، ھەر كىم ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەيدۇ.
ما يۈن بىلەن ما خۇاتېڭ بەزىدە ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيپىيات بىر قەدەر قاتمال بولۇپ قالىدۇ. ئەمما يەنە مۇنداق بىر ئادەم مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ۋاقىت تىركىشىۋاتقان ئىككى ئادەمنى تىنچلاندۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ سۆھبەتلەشتۈرەلەيدۇ. ئۇ تېخىمۇ بىۋاسىتە ھالدا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى خۇددى «چوڭاملاردەك» مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىككى ماگناتنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ كىشىلىك ھايات توغرىسىدا پاراڭلىشالايدۇ، ئۇ دەل ۋۇ يىڭ.
مۇۋەپپەقىيەتمۇ «كىچىك زېرەك»، مەغلۇبىيەتمۇ «كىچىك زېرەك»
ھازىر ۋۇ يىڭ تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر گاڭگىراپ قالىدۇ، لېكىن ئەگەر «كىچىك زېرەك» تىلغا ئېلىنسا، بەلكىم 80-، 90-يىللاردا تۇغۇلغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە كېلىشى مۇمكىن. شۇنداق، «كىچىك زېرەك»نى دەل ۋۇ يىڭ بايرىقى ئاستىدىكى UT سىتاركوم تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى ئەسلىمىسى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن، ۋۇ يىڭ «كىچىك زېرەك» كە تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، كېيىن يەنە شۇنىڭ سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولدى.
1959-يىلى، ۋۇ يىڭ بېيجىڭدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ شارائىتىدىن ياخشىراق ئىدى. ۋۇ يىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر بولۇپ، بالا تەربىيىلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشىنەتتى. شۇڭا، ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بەرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشىغا قارشى تۇرمايتتى.
ۋۇ يىڭ (吴鹰)
1978-يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگودا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى ئەسلىگە كەلدى، ۋۇ يىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى بىلىم جۇغلانمىسى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئەينى چاغدىكى بېيجىڭ سانائەت داشۆسىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ چاغدا ۋۇ يىڭنىڭ تاللىغىنى سىمسىز خەۋەرلىشىش كەسپى بولۇپ، بۇ كەسىپ يېڭى تىپتىكى كەسىپكە تەۋە ئىدى. ۋۇ يىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بۇ كەسىپنى ئۆگىنىشىگە بىر قەدەر قارشى تۇرىدۇ، ئۇلار بۇنداق كاسات كەسىپنى تاللاشنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بولۇشى ناتايىن دەپ قارايدۇ. لېكىن، ۋۇ يىڭ ئەينى ۋاقىتتا خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بايقىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە چوقۇم ناھايىتى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇشىنى بىلەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن سەمىمىي مۇزاكىرىلىشىدۇ. ۋۇ يىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يول قويىدۇ.
ۋۇ يىڭ ئالىي مەكتەپتىكى تۆت يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە قاراتقان بولۇپ، ھەر يىللىق نەتىجىسى ئىنتايىن ئەلا ئىدى، شۇڭا نۇرغۇن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋۇ يىڭ مەكتەپتە قېلىپ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇشنى تاللىدى، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۈچ يىلدا، ئۇ چەتئەلنىڭ ئىلغار خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالدى، شۇڭا 26 ياشلىق ۋۇ يىڭ چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشنى تاللىدى.
ۋۇ يىڭ ئامېرىكا يېڭى جېرسېي ئىشتاتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ مەكتەپكە كىرىپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان ھەمدە رەقەملىك ئالاقىلىشىش، رەقەملىك سىگنالنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنى باشلاپ، شەخسىي ئالاقە مۇلازىمىتى، كۆپ ۋاسىتىلىك ئالاقىلىشىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتا چەتئەلدە «چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېقىش» پىسخىكىسى يەنىلا بىرقەدەر ئېغىر ئىدى، ۋۇ يىڭ تەجرىبىخانىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە يەنىلا بەزى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىدى، مەسىلەن، زىيارەت قىلغاندا، ۋۇ يىڭ گەپ قىستۇرالماي، ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى باشقا ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىندى. شۇڭا ئالاقىلىشىش كەسپىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرگەن ۋۇ يىڭ ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشكە بەل باغلىدى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كېيىن UTنىڭ تۇنجى باش تېخنىكا ئەمەلدارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خۇاڭ شياۋچىڭنى ئۇچراتتى.
ۋۇ يىڭ ئۆزىنىڭ خىيالىنى خۇاڭ شياۋچىڭغا ئېيتقاندىن كېيىن، ئىككىسى دەرھال ماسلىشىپ، 1991-يىلىغا كەلگەندە بىرلىكتە Starcom شىركىتىنى قۇرغان. 1992-يىلى، ۋۇ يىڭ بېل تەجرىبىخانىسىدىن رەسمىي ئايرىلىپ چىقىپ، ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلماقچى بولدى ھەم خۇاڭ شياۋچىڭنى ئېلىپ كېتىپ، ئىككىيلەن بىرلىكتە لۇ خۇڭلياڭ قۇرغان Unitech شىركىتىگە كىرىشنى پىلاندى.
ۋۇ يىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا تەقەززا بولدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ئۇ 1996-يىلىلا بايقالغان PHS تېخنىكىسى (كىچىك زېرەك) نى بايقاپ، ئۇنىڭ ناھايىتى يۇقىرى تەرەققىيات قىممىتى بار دەپ قاراپ، زور كۆلەمدە مەبلەغ سالماقچى بولدى. لېكىن، ئەمەلىيەتتە «كىچىك زېرەك» تېخنىكىسى ئەينى چاغدا ئارقىدا قالغان بولۇپ، نۇرغۇن خەلقئارا ئالاقە ماگناتلىرى بۇ تېخنىكىدىن ۋاز كەچكەن.
لېكىن، ۋۇ يىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قەتئىي ئىشىنەتتى، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، «كىچىك زېرەك» تېخنىكىسىنى سېتىۋالدى ھەمدە «كىچىك زېرەك» كەسپىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاخىر دۇنيادا زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى. 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، UT سىتاركوم ئامېرىكىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بازارغا سېلىندى، بازارغا سېلىنغان شۇ كۈنى، شىركەتنىڭ بازار قىممىتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 7 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئۆرلىدى.
UT سىتاركوم شىركىتىنىڭ بۇنداق يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشى، تەبىئىيلا ۋۇ يىڭنىڭ تاللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما، ۋۇ يىڭ گەرچە «كىچىك زېرەك» نى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن شىركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئويلاپ باقماي، ئىزچىل تۈردە «كىچىك زېرەك» كەسىپكە بېرىلىپ كەتتى. يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولغان دەۋردە، پەقەت بىرلا كەسىپكە بېرىلىپ كېتىش ئەلۋەتتە ئاقمايدۇ.
ئەمما، «كىچىك زېرەك» بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ۋۇ يىڭنىڭ ئىككى كۆزىنى بىر مەھەل مۇۋەپپەقىيەت توسۇۋالدى، ئۇ «كىچىك زېرەك» كە تايانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان چاغدا، ئاللىقاچان كېچىككەنىدى. UT سىتاركوم شىركىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋالغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان ۋۇ يىڭ نەزىرىنى IPTV غا قاراتتى، IPTV ئاتالمىش دىئالوگلۇق تور تېلېۋىزىيەسى بولۇپ، كومپيۇتېر ياكى تېلېۋىزور قۇتىسىدىن پايدىلىنىپ كۆرۈنمە چاستوتىنى قوبۇل قىلىدىغان بىر خىل تېخنىكا ئىدى.
ۋۇ يىڭ ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ، مەبلەغ سېلىش يولىنى باشلىدى
ئەمما IPTV دىن ئىبارەت بۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئەمەلىيەتتە ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان. ۋۇ يىڭ يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، شىركەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سالدى، خۇددى «كىچىك زېرەك» كە ئوخشاش، دەسلەپتە باشلانغاندا ئىنكاس ناھايىتى ياخشى بولدى، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پايدىسى ئازىيىپ، شىركەتنىڭ تىجارىتىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.
بۇ UT سىتاركوم شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىنى ئىنتايىن نارازى قىلدى، ئەسلىدە چىقىشقاق، مىجەزى ئىنتايىن ياخشى لۇ خۇڭلياڭنىڭ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن چىرايى قارىداپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا، ۋۇ يىڭ UT سىتاركوم شىركىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئارقا-ئارقىدىن زەربىگە ئۇچرىغان ۋۇ يىڭمۇ ئۆزىنىڭ جاھىللىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ قارىشىنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ۋۇ يىڭ ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ، قانداق قىلىپ توغرا مەبلەغ سېلىشنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، بىر مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلاندى. كېيىن، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ما يۈنگە مەبلەغ سېلىپ، ئىككىسى شۇ سەۋەبلىك دوست بولۇپ قالغان. 2013-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ جۇڭگو IT رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، ما خۇاتېڭ بىلەن بىرلىكتە «تور قىممىتى» باش تېمىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.
ۋۇ يىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ ما خۇاتېڭنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلاندى، ما يۈن بىلەن ما خۇاتېڭنىڭ ئورتاق دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئالدىدا تەبىئىيلا بەلگىلىك سۆز قىلىش ھوقۇقى بار بولۇپ، ئىككى ئادەمنى ئاسانلا تىنچلاندۇرالايتتى. ۋۇ يىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ما يۈن ۋە ما خۇاتېڭ قاتارلىق سودا ساھەسىدىكى دوستلىرى بىلەن كېلىشىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئازادە غىزالىنىپ، بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆرنەك قىلىدۇ ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىدۇ.