مال سېتىۋالغاندا چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق پۇل تۆلەش، يان تېلېفوندا چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق قۇلۇپنى ئېچىش، چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق ئىشىكنى ئېچىش...
بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ئىشلارنى چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان بولدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، %90تىن ئارتۇق زىيارەت قىلىنغۇچى چىراي تونۇتۇش تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن، بىراق %60 زىيارەت قىلىنغۇچى، چىراي تونۇتۇش تېخنىكىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرى بار دەپ قارىغان، يەنە %30 زىيارەت قىلىنغۇچى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن شەخسىي سىر ياكى مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنداقتا «چىراي تونۇتۇش» دەۋرىدە، بىزنىڭ ئۇچۇرلىرىمىز بىخەتەرمۇ؟
چىراي تونۇتۇشتا قانداق خەۋپ ـ خەتەر مەۋجۇت؟
چىراي تونۇتۇش تېخنىكىسىنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەم ياخشى كۆرىدۇ، ھەم ئەنسىرەيدۇ. ئۇنىڭ قولايلىقلىقىنى ياخشى كۆرسە، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ساقچى تەرەپ بۇ يىل پاش قىلغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىش دېلولىرى ئىچىدە، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى «AI چىراي ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسى»دىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ سۈرىتىنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈپ، ئالدىن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن «سۈرەتنى ئاكتىپلاشتۇرۇش» يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ھەرىكەتچان كۆرۈنمە چاستوتا ھاسىل قىلىپ، چىراي تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئالداپ ئۆتۈپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەن.
نىقاب ئارقىلىق يان تېلېفون قۇلۇپىنى ئاچقىلى بولامدۇ؟
سىناقتا تەتقىقاتچىلار يان تېلېفوننىڭ ئۇدۇلىغا نىقاپ قويۇپ، ئاندىن نۇر، رەڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە بۇلۇڭنى تەڭشىگەن. بىر نەچچە قېتىم سىناش ئارقىلىق، يانفون قۇلۇپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نىقابنى ياساش تەننەرخى يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، 3D پىرىنتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېنىقلىقى، ئوخشاشلىق دەرىجىسى يۇقىرى نىقاب ياسىغىلى بولىدىكەن. نىقاب ئارقىلىق چىراي تونۇتۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى%30كە يېتىدىكەن.
چىراي تونۇتۇش جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟
مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئەڭ ئاددىي ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈشتە، پەقەت ئادەم يۈزىدىكى ئالتە ياكى سەككىز ئالاھىدىلىك نۇقتىسىنى يىغىش، ئېلىش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مۇرەككەپ ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈشتە بولسا، ئادەم يۈزىدىكى نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز ئالاھىدە نۇقتىنى يىغىپ ئېلىش ئارقىلىق ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يان تېلېفون قۇلۇپىغا سېلىشتۇرغاندا، چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق چىقىم قىلىش، چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق ئولتۇراق رايونغا كىرىش قاتارلىق ئەپلەرنى ئىشلەتكەندە، يىغقان ئادەم يۈزىنىڭ ئالاھىدىلىك نۇقتىسى تېخىمۇ كۆپ، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە مەخسۇس جانلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تىرىك تەننى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىق قىلىنىپ چىقىلدى، بۇ ئارقىلىق سىكاننېرلاش ئوبيېكتىنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنىڭ سۈرەت ياكى نىقابنى خاتا تونۇپ قېلىش خەۋپ-خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئادەمنىڭ چىراي ئۇچۇرى قانداق ئاشكارىلىنىپ كېتىدۇ؟
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بەزى تور سودا سۇپىلىرىدا، پەقەت ئىككى يۈەن خەجلەپلا ئادەم يۈزى سۈرىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقى، 5000 پارچىدىن ئارتۇق ئادەم يۈزى سۈرىتىنىڭ باھاسىنىڭ 10 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.
سودىگەرلەرنىڭ ماتېرىيال ئامبىرىدىكى ھەممىسى، باشقىلارنىڭ تۇرمۇش سۈرىتى، ئۆز تارتىم سۈرەتلىرى قاتارلىق شەخسىي مەخپىيەتلىككە دائىر سۈرەتلەر ئىكەن. مۇخبىر مۇلازىمەتچىدىن بۇ سۈرەتلەرنىڭ نەشر ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان-چېتىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، مۇلازىمەتچى قەتئىي ئىنكار قىلدى، لېكىن سۈرەتنىڭ نەشر ھوقۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىيەلمىدى.
بۇ سۈرەتلەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە، سۈرەت ئىگىسى بەلكىم ئالدامچىلىققا ئۇچراپ، مال-مۈلۈكى زىيانغا ئۇچرىغاندىن باشقا، ھەتتا ئۆزىنىڭ چىراي ئۇچۇرى ئارقىلىق پۇل يۇيۇش، قارا كۈچلەرگە چېتىلىپ قېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە ئىشلىتىلىپ، جىنايى ئىشلار دەۋاسىغا چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ خەتەرلىك نۇقتىسى ساقلاش ھالقىسىغا مەركەزلىشىدىكەن. چىراي تونۇتۇش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولغاچقا، بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى يوق، نۇرغۇن ئادەم يۈزى سانلىق مەلۇماتلىرى ھەر قايسى تىجارەت ئورۇنلىرى ياكى تېخنىكا تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ مەركەزلەشتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلىنىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكنىڭ ئەمەلىيلەشكەن-ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، قايسىلىرىنىڭ چىراي تونۇتۇش جەھەتتىلا ئىشلىتىلگەنلىكى، قايسىلىرىدىن ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ئورتاق بەھرىلەنگەنلىكىنى سىرتتىكىلەر بىلمەيدۇ.
بۇ يوچۇقنى ئېتىش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر كۆپ خىل تېخنىكا ياخشىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئادەم يۈزى سانلىق مەلۇماتىنى ساقلاشتا تېخىمۇ قاتتىق ئۆلچەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەپ ئاچقۇچى تەرەپ، ۋە ئەپ ئىشلەتكۈچى تەرەپ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىش ۋە توپلاش جەريانىدا قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.
قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ئادەم يۈزى ئۇچۇرىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش، خالىغانچە يىغىش ئەھۋالىغا قارىتا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»دا شەخسلەرنىڭ چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرىنى شەخسىي ئۇچۇر دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دۆلىتىمىزنىڭ «ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى»دا شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇنلۇق بولۇش، يوللۇق بولۇش، زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، شۇ شەخس ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، شۇنداقلا قوشۇلغاندىن كېيىن قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن.
نۆۋەتتە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنى (لايىھەسى)» جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىۋاتىدۇ. لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاممىۋى سورۇنلاردا سۈرەت يىغىش، شەخسىي سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشتا، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش زۆرۈر، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى ۋە ئەسكەرتىش بەلگىسى بولۇشى كېرەك. توپلانغان شەخسىي سۈرەت، شەخسىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشقا ياكى باشقىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ؛ شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ياكى قانۇن نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.