ئارگېنتىنا تاراتقۇسى «ئولې گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارگېنتىنالىق «پۇتبول شاھى»، ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدىكى لاپلاتا گىمناستىكا كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ترېنېرى مارادونا، ئايرىۋىتىشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇ بىر نەپەر يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئۇچراشقان.
مارادونانىڭ يېنىدىكى بىر قوغدىغۇچىنىڭ يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككىيلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرغانلىقى سەۋەپلىك، مارادونامۇ ئايرىۋېتىش ئۇسۇلى بويىچە داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان.
بۇنداق بولغاندا مارادونا بۇ مۇسابىقە پەسلى ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى لاپلاتا كوماندىسى بىلەن پاتېروناتۇ كوماندىسى ئوينايدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆزىنىڭ 60 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنىمۇ ئۆتكۈزۈشكە ئامالسىز قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
پۇتبول دۇنياسىدىكى ئاجايىپ تالانتى بىلەن ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بۇ سابىق چولپان، ھېلىمۇ سانسىزلىغان مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانى ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىپ، ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.