رونالدىنھو يۇقۇملاندى، ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-10-28
來源:تېڭشۈن تورى

يېقىندا، مەشھۇر پۇتبولچى رونالدىنھو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، رونالدىنھو كرىستىيانو رونالدودىن كېيىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنى ھېسابلىنىدۇ!

رونالدىنھو بۇ يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ساختا پاسپورت ئىشلىتىش سەۋەبلىك پاراگۋايدا قولغا ئېلىنغان، شۇنداقلا بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ھالدا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن، تۈرمىدىكى ۋاقتىدا تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تېخى «تۈرمە بىرلەشمىسى»نىڭ چېمپىيونلۇقىغىمۇ ئېرىشكەن.

رونالدىنھو يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن شەنبە كۈنىدىن بۇيان ئىزچىل بېلورىئوزانتتا تۇرۇۋاتىمەن، بۇيەرگە پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم. ۋىرۇس تەكشۈرۈشى قىلغاندىن كېيىن، نەتىجەم مۇسبەت چىقتى. مەن ئىنتايىن ياخشى، كېسەللىك ئالامىتى يوق، لېكىن پائالىيەت ئارقىغا سۈرۈلدى، بىز تېزلا قايتا كۆرۈشىمىز، كۆپچىلىكنى قۇچاقلاپ قوياي!»