پۈتۈن دۇنيا رونالدونى ساقلىماقتا ، ئۇ ئەتە زادى مەيدانغا چىقالامدۇ-يوق؟

ئەلكۈيى تورى
2020-10-28
來源:تېڭشۈن تورى

ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى تەرجىمىسى:بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 4 تە( يەنى ئەتە كەچ) ،   ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى G گۇرۇپپىسىدىكى پۈتۈن دۇنيا مەستانىلىرى كۆز تىككەن كەسكىن جەڭ بارسېلونا بىلەن يۇۋېنتۇس ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ تىركىشىشى ئىككى كوماندا تۇتۇشىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.


رونالدو مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى   ۋىرۇسنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت بولغاندىن كېيىن، ئىزچىل ئايرىۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغان، بۇ ھالقىلىق جەڭ ئۈچۈن، يۇۋېنتۇس ئالاھىتەن كىرىستىيانو رونالدو ئۈچۈن، مۇسابىقىدىن   24 سائەت بۇرۇن مەنپىيگە ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈشكە تەلەپ قىلغان، شۇنداق قىلغاندا رونالدومۇ   مەيدانغا چىقىش شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ ئىلتىماسقا قوشۇلغان.

« كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىرىستىيانو رونالدو بۇ قېتىمقى شاھ جېڭى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى   ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.

«ئاسمان تەنتەربىيىسى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ماترىيالنى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە يوللاپ بولغان بولۇپ، رونالدودا ھېچقانداق يۇقۇم ئالامىتى قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە، رونالدونىڭ نەتىجىسىنىڭ مەنپىيگە ئۆزگىرىدىغانلىقىغا قارىتا ناھايىتى ئۈمىدلىك پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بارسېلونا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىدىن 24 سائەت بۇرۇن، ئەگەر كرىستىيانو رونالدونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىيگە ئۆزگەرسىلا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشەلەيدىكەن.

نۆۋەتتە، يوۋىنتۇس بىلەن بارسېلونا رونالدونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتىۋاتىدۇ. رونالدونىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قايتا مەيدانغا چىقىش چىقالماسلىقى يۇۋېنتۇس ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىراق، ئىتالىيە ئاسمان خەۋەرلىرى تورىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەنگەن يوۋىنتۇس كوماندىسى تۇنجى تىزىملىكىدە كىرىستىيانو رونالدو كىرگۈزۈلمىگەن.


توپ مەستانىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغان تەقدىردىمۇ، پىرلونىڭ تاكتىكا مەشىقىگە قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇسابىقىدە ئارلىقىدا   چىقىش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن چوڭ دەپ گۇمانلانماقتا. لېكىن، كىرىستىيانو رونالدو كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزىگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم كىشىنى قايىل قىلىدىغان تەلەپچان بولغاچقا، ئۇنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ئائىلىدە ئايرىۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا كىشىنى ئەنسىرەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىستىيانو رونالدو ئايرىغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل تۈردە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەچكە، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملىنىشقا تەۋە بولۇپ، بەدەن ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىشىنى يوق دېيەرلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇسبەت بولۇپ چىقسا، ئۇنداقتا پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان بۇ مەيدان مېسسى بىلەن رونالدونىڭ كەسكىن جېڭى مۇقەررەر ھالدا ئۆز قەرەلىدە باشلىنىدۇ.


بايا، يۇۋېنتۇس تېرىنىرى پىرلو يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونانىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

، ئۇ رونالدونى قايتا چىقالامدۇ يوق داۋالاش تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارايمىز دېدى، نەتىجىسى بۈگۈن كەچتە چىقىدۇ (ئىتالىيە ۋاقتى) ، ئۇ ئۆزى كىرىستىيانو رونالدونىڭ ۋاقتىدا قايتا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،   دېمەك، توپ مەستانىلىرى يەنە بىر نەچچە سائەت ساقلىشى كېرەك.

پېرلو بۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى، پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ مېسسى بىلەن بولغان« ئۇچرىشىش» قا يېتىشىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. قارىغاندا، كىرىستىيانو رونالدو يۈز مىليونلىغان كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالامدۇ يوق؟



ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك دۆلەت دېربىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 25-فېۋرال، كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ ئالاقە سۇپىسىدا يالىڭاچ بەدەن مۇسكۇلىنى كۆرسەتتى ھەمدە« Siiiiiiiiiiii» دېگەن تېمىدا توردا سۆز قىلىپ ، كونا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق G گۇرۇپپىسىنىڭ ھالقىلىق جېڭىگە مېسسى ئۈچۈن جەڭ ئېلان قىلدى.


بارسېلونانىڭ بارلىق ئەزالىرى نوكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، ئىتالىيەگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى.


بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر يېقىنلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يوۋېنتۇسنىڭ ھازىر يارىلانغان ئادەملىرى   بىر قەدەر كۆپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوڭۇشلۇق بولماي، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىسا، مېسسى گىرىزمان، كورىنھونى بىرلىكتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ، يوۋېنتۇس گەرچە ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقە ئويناۋاتقان بولسىمۇ ، ئۇلارنى يېڭىش سەل تەسكە توختاپ قالىدۇ .

640-42.png

来源:爱酷艺网

监制:麦提江

审稿:阿米娜

稿子:麦提江

640-529.jpeg

www.alkuyi.com