پىيانىچ: مەن مېسسىغا كىرىستىيانو رونالدو ھەققىدە سۆز قىلىپ باقمىدىم

ئەلكۈيى تورى
2020-10-28
來源:تېڭشۈن تورى

پىيانىچ: مەن مېسسىغا يۇۋېنتۇسنى تونۇشتۇرۇپ باققان، لېكىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ گېپىنى قىلىپ باقمىدىم

皮亚尼奇:我给梅西介绍过尤文,但没聊过C罗的话题

ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى تەرجىمىسى:بارسېلونا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى پىيانىچ   ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كوماندىسى يۇۋېنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

تورىنغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟ ئەتىكى مۇسابىقىگە نىسبەتەن قانداق ئۈمىد بار؟ سىز مىسسى بىلەن يۇۋىنتىس توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ باققانمۇ؟

مەن بۇ يەرگە قايتىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى خۇشال، پېشقەدەم خوجايىنىم ئالدىدا، بۇ يەردە تۆت يىل خىزمەت قىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، مېنىڭ بۇ يەردە نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلىرىم بار. نۇرغۇن تونۇشلارنى كۆرەلىگىنىمدىن خۇشالمەن، لېكىن مەن بۇ يەرگە بۈگۈن   مۇسابىقە ئۈچۈن كەلدىم.

بۇ مەيدان مۇسابىقە بەك تەس، يۇۋېنتۇسمۇ ناھايتى كۈچلۈك كوماندا، ئۇلارنىڭ نىشانىمۇ گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇش، بىز ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئىزچىل ئىپادىسى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بارسېلونا ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.

مېسسىغا كەلسەك، شۇنداق، مەن ئۇنىڭ بىلەن يۇۋېنتۇستا پاراڭلىشىپ باققان، مەن ئۇنىڭغا بۇ يەردىكى ئىشلارنى، بۇ يەردىكى توپ مەستانىلىرىنى، بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارنى، رەئىسلەرنى، بۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى دەپ بەردىم، ئۇ يۇۋېنتۇسنى بەك چۈشىنىدۇ.


بارسېلونادا توپ ئويناۋاتقىلى نەچچە ئاي بولدى قانداق ھىسياتتا بۇلىۋاتىسىز، ھەم ئەتە ئاساسلىق ئەزا بۇلۇشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟

بۇ يەرگە كېلىپ ئەلۋەتتە مەيدانغا چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاساسلىق ئەزا بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىرقى ئەھۋالىم يامان ئەمەس، گەرچە مەن كوماندىغا كېچىكىپ كىرگەن بولساممۇ، لېكىن ھازىر مېنىڭ ھېسسىياتىم يامان ئەمەس، مەنمۇ كوماندىمىزغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. كوماندىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەيلى بىرلەشمە ياكى ئۇزغۇنلۇق بولسۇن، بارسېلونانىڭ تەييارلىقى ناھايىتى ياخشى، گەرچە بىرلەشمىدە ئازراق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن بارسېلونانىڭ ئەمەلىي كۈچى بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مەنمۇ ئەتە مەيدانغا چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ پەسىل كومان ئاساسلىق 4-2-3-1 ئوينايدۇ، سىز ۋە بۇسكىس، دېروڭ ئىككى ئارقا بەل رىقابەت ئورنىغا مۇھتاج، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ ھەمدە سىزنىڭچە سىلەر ئۈچىڭلار بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىشىڭلار مۇمكىنمۇ؟


مېنىڭچە بىزنىڭ رىقابىتىمىز ياخشى،مەنمۇ مەيدانغا چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇمۇ ناھايىتى مۇھىم، ئىشىنىمەنكى، بىز ئۈچىمىز بىرلا ۋاقىتتا مەيدانغا چىقالايمىز. ئەلۋەتتە بۇنى مەن قارار قىلالمايمەن، مەن خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەيمەن، كېيىن ترېنېر ئاساسلىق ئەزا بولۇشنى قارار قىلىدۇ.

گىرىزمان توغرىسىدىكى مەسىلىگە سىزنىڭچە سىرتقى دۇنيا ئۇنىڭ ئىنكاسىغا قانداق قارايدىكىن؟


گىرىزمان بىزنىڭ سەپدىشىمىز، ناھايىتى ياخشى توپچى، قالتىس مەرگەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن توپ كىرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن بىز ئالدى بىلەن تېرىنىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، بەلكىم سىز ياقتۇرماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇ دەل پۇتبول. مىنىڭچە گىرىزمان بەك ياخشى، كەلگۈسىدە تىخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ھەرقانداق ھۇجۇمچى توپ كىرگۈزۈشكە مۇھتاج، بىزمۇ ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە ئىھتىياجلىق، ھۇجۇمچىنىڭ توپ كىرگۈزىشىگە مۇھتاج. ئەگەر ئەتە گىرىزمان مەيدانغا چىقسا، ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


سىزنىڭچە يۇۋىنتۇس بىلەن بارسېلونانىڭ قانداق پەرقى بار؟ شۇنداقلا پىرلو يىتەكلىگەن يۇۋىنتۇسقا قانداق قارايسىز؟


ئۆزۈم ھازىر يەنە بارسېلونادا داۋاملىق ماسلىشىپ، بارسېلونانىڭ پۇتبولىنى چۈشىنىپ بېقىشىم كېرەك. پىرلونىڭ يۇۋىنتۇسنى يىتەقلىشى قالتىس چىقىپتۇ، ئەلۋەتتە كوماندا يىڭى تېرنىرغا ماسلىشىشقا ۋاقىت كىتىدۇ، لىكىن ئىشىنىمەنكى ئۇلاردا مەسىلە يوق. بۇ مەيدان مۇسابىقە بەك تەسكە توختايدۇ، مەنمۇ يۇۋېنتۇسنى بەك چۈشىنىمەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى بەك چۈشىنىمەن. بارسېلونا تەييارلىقنى ياخشى قىلىشى كىرەك، بۇغۇم يوۋىنتۇسنىڭ خىرىسى.


ئەگەر ئەتە رونالدو بولمىسا، سىزنىڭچە مۇسابىقە قانداق بولار؟ يۇۋىنتۇس قانداق تەييارلىق قىلىدۇ؟


مەنچە بۇ پىرلونىڭ قارارىغا باغلىق، لېكىن رونالدو مەيدانغا چىقالمىسا تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىر مەن يېڭى بىرلەشمىگە، يېڭى كوماندىغا قوشۇلدۇم، مەن ھازىر ئالدى بىلەن بارسېلوناغا ماسلىشىشىم كېرەك.


ھازىرقى يۇۋىنتۇسقا قانداق قارايسىز؟ سىز يېقىندىن بۇيان يۇۋېنتۇسنىڭ مۇسابىقىسىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟


شۇنداق دىققەت قىلۋاتىمەن، يۇۋىنتۇستا ھازىر نۇرغۇن ياردارلار باركەن، ئۇلار ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپتۇ، مەن نۇرغۇن يۇۋىنتىس توپچىلىرى بىلەن توپ تەپكەن، مەن ئۈچۈن بۇ بەك پەخىرلىنىدىغان ئىش، ھازىر باسالىق بوپ قالدىم، بۇنىڭدىنمۇ بەك پەخىرلىنىمەن.

مېسسى سىز بىلەن كىرىستىيانو رونالدو توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ باققانمۇ؟

مەن مېسسى ۋە كىرىستىيانو رونالدو بىلەن توپ ئويناپ باققان، بالامغا مەن ئىلگىرى مۇشۇنداق شەرەپ ھېس قىلغانلىقىمنى دەپ باققان، چۈنكى بۇ ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئىش. مېسسى تارىختىكى ئەڭ ياخشى توپچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ يېنىدا توپ تەپكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن. لىكىن مەن مىسسى بىلەن رونالدو توغۇرلۇق پاراڭلاشمىدىم، ئۇمۇ مەندىن سورىمىدى، بىز ئەتىدىكى مۇسابىقىگە كۆڭۈل بۆلىمىز.