ئىتالىيە ئاسمان تەنتەربىيەسى يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى سەپ شەكلىنى ئالدىن مۆلچەرلىدى
ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى تەرجىمىسى:بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 تە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس ئۆز مەيدانىدا بارسېلونانى كۈتىۋالىدۇ. ئىتالىيە ئاسمان تەنتەربىيەسى يۇۋېنتۇسنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى سەپ شەكلىنى ئالدىن مۆلچەرلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە كىرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ دەپ مۆلچەرلەندى.
يۇۋېنتۇسنىڭ ئاساسلىق ئەزا مۆلچەرى
ۋارتار: شىچىنسنى
بېك: دېمىرال، بونۇچى، دانىلو
ئوتتۇرا مەيدان: كۇادرادو، بىنتانكول، رامساي، رابىئوت، كۇلۇسېفسكى
ھۇجۇم: موراتا، دىبالا