كوماندا مۇخبىرى: رونالدو ساقايمىدى ،بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-10-28
來源:虎扑10月28日讯

خۇپۇ پۇتبول قانىلى خەۋىرى، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى :Goalدىكى يۇۋېننىڭ داڭلىق كوماندا مۇخبىرى رومىئونىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ 2-كۈنى سەھەردە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى   تەكشۈرۈش نەتىجىسى يەنىلا مۇسبەت بولغان، ئۇ يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى   ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونانىڭ مۇسابىقىسى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ يوشۇرۇن رىقابىتى سەۋەبىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى.


رونالدونىڭ يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىپ دۆلەت كوماندىسىغا بېرىش قىلمىشىمۇ بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. ئىتالىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى: رونالدونىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىپ پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش قىلمىشى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، دېدى.


كىرىستىيانو رونالدو ئىككى قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن نەتىجىسى يەنىلا مۇسبەت چىققان، دېمەك ئۇ داۋاملىق ئايرىپ كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىدىكەن.