مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى سالزبۇرگ قىزىل كالا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئۇلمېرنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، مادرىد ئاتلېتكىدىن فېلىكسنىڭ تەپكەن تەتۈر ئىلمەك توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، سۇئارېزنىڭ تەپكەن توپى قاپقا يېنىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى، سالزبۇرگ قىزىل كالىدىن بېرىشانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مادرىد ئاتلېتكىدىن ھېرېيرانىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپى توساقتىن ئۆتەلمىدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 29 مىنۇت بولغاندا مادرىد ئاتلېتكا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇم تەشكىللەپ، ماركوس لىئورېنتى توپنى ھەيدەپ يىراقتىن قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مادرىد ئاتلېتكا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، فېلىكسنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، لىئورېنتىنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتە تەپكەن توپى قاپقا يېنىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى، سۇئارېزنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 40 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، سالزبۇرگ قىزىل كالا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپلا سالزبۇرگ ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 47 مىنۇت بولغاندا، سالزبۇرگ قىزىل كالا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، سالزبۇرگ قىزىل كالا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇلمېرنىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن بېرىشا قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە مادرىد ئاتلېتكا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇم تەشكىللەپ، كوررېئانىڭ پاس بېرىشى بىلەن فېلىكس توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مادرىد ئاتلېتكا داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، فېلىكسنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، كوكېنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 85 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى مادرىد ئاتلېتكا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇم تەشكىللەپ، فېلىكس چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سەپدىشى يەتكۈزگەن پاس توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مادرىد ئاتلېتكا ساھىبخان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.