ئورگان تورى: بارتومېئۇ ئىستىپا بەردى، مېسسىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-28
來源:دوڭچيۇدى تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، بارسېلونا كۇلۇبى ئورگان تورى ئارقىلىق، كۇلۇب رەئىسى بارتومېئۇنىڭ رەئىسلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

بارتومېئۇ كۇلۇبنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:

«مەن ۋە كۇلۇب مۇدىرىيىتىدىكى بارلىق ئەزالار خىزمىتىمىزدىن ئىستىپا بېرىمىز، بۇ ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن چىقىرىلغان قارار، ھەم كۇلۇب مۇدىرىيىتىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن.»

بارسېلونا كۇلۇب مۇدىرىيىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن كاتالونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى سەھىيە شارائىتى ئاستىدا ئەيىپلەش بېلىتى تاشلاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلەمدۇ يوق شۇنى بىلمەكچى بولغان، تەپسىلاتلاردىن ئىگىلىنىشىچە، كاتالونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى نورمال ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن، شۇ سەۋەپلىك بارسېلونا كۇلۇبى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن كەچ جىددى مۇدىرىيەت يىغىنى چاقىرغان، شۇ كۈنى كەچتە مۇدىرىيەت يىغىنىدا بارتومېئۇ رەئىسلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «دۇنيا تەنتەربىيىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارتومېئۇ كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ ساغلام شارائىتتىكى بېلەت تاشلاش جەريانىدا يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقتىن، ئاخىرىدا بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن بۇرۇن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلغان.

بارتومېئۇ 2014-يىلى سابىق رەئىس رۇسېلنىڭ خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ۋاقىتلىق رەئىس بولغان ھەم شۇنداقلا بىر يىلدىن كېيىن رەسمىي رەئىس بولغان، ئەسلىدە ئۇنىڭ رەئىسلىك خىزمىتىنىڭ مۇددىتى 2021-يىلى ئاخىرلىشىدىكەن.

2014-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، بارتومېئۇ باشقۇرۇشىدىكى بارسېلونا 379 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 267 مەيدان غەلبە قىلىپ، 63 مەيدان تەڭلىشىپ، 49 مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن، بۇ جەرياندا تۆت نۆۋەت ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، تۆت نۆۋەت ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، ئىككى نۆۋەت ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، بىر نۆۋەت ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، بىر نۆۋەت دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ، بىر نۆۋەت ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئەمما نەتىجە ۋە توپچى قوشۇۋېلىش مەشغۇلاتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بولۇپمۇ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى، ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش باسقۇچىدا بايرېن مىيۇنخېن تەرىپىدىن 2:8 نەتىجىدە ئېچىنىشلىق «قىرغىن» قىلىندى.

بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، كۇلۇب 40-كۈندىن 90 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا رەئىس سايلىمى ئۆتكۈزۈدىكەن، يېڭى رەئىس بولسا كېلەر يىلى بىرىنچى ئايدا سايلاپ چىقىلىدىكەن، نۆۋەتتە بارسېلونا كۇلۇبى باشقۇرۇش كومېتىتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىپ، كۇلۇبنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە شۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن.