چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: لىۋېرپول 0:2 مىدتىيلاند

ئەلكۈيى تورى
2020-10-28
來源:دوڭچىيۇدى تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئەنفىلد توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا دانىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن مىدتىيلاند كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپول قاپقىچىسى ئالىسسون قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتىكى توپىنى توسۇۋالدى، لىۋېرپولدىن فابىنھو يارىلىنىپ، مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لىۋېرپولدىن ئارنولدنىڭ پاس بېرىشى بىلەن جوتا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، سالاھ لىۋېرپولغا ۋاكالىتەن نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، ئاخىرىدا لىۋېرپول 0:2 نەتىجىدە مىدتىيلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى مىدتىيلاند كوماندىسى ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، درېيېرنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتە تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، لىۋېرپولقايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تاكۇمى مىنامىنونىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا مىنامىنونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، لىۋېرپولدىن فابىنھو يارىلىنىپ مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلدى، لىۋېرپولدىن جوتانىڭئۈسكەن كاللا توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، مىنامىنونىڭ ئۈسكەن كاللا توپىمۇ ياندىن چىقىپ كەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، بۇمۇ لىۋېرپولنىڭ يېقىنقى ساھىبخان مەيداندا ئوينىغان 51 مەيدان مۇسابىقىسى ئىچىدە تۇنجى قېتىم، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە قاپقا دائىرىسىگە بىرمۇ توپ تېپەلمەسلىكى ھېسابلىنىدىكەن.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ لىۋېرپول ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 54 مىنۇت بولغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى لىۋېرپول بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، لىۋېرپول ھۇجۇم تەشكىللەپ، شاچىرىنىڭ ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن ئارنولد ئوڭ تەرەپتىن توپنى ھەيدەپ ئوتتۇرىغا پاس تاشلىدى، جوتا قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مىدتىيلاند كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئېۋاندېرنىڭ كەينى-كەينىدىن تەپكەن توپى قاپقا يېنىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى، لىۋېرپولدىن سالاھنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، فىرمىنونىڭ نۇقتا توپ تېپىش ئورنىدىن تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، مىدتىيلاند كوماندىسىدىن درېيېرنىڭ تەپكەن توپى قاپقىنىڭ يان سېتكىسىغا تەگدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا لىۋېرپول يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، غەلبىنى مۇقىملىدى، لىۋېرپول ھۇجۇم تەشكىللەپ، سالاھ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسى تەرىپىدىن يىقىتىۋىتىلدى، رىپېر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، سالاھ نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، ئاخىرىدا لىۋېرپول 0:2 نەتىجىدە مىدتىيلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.