بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە مارسېل ئولىمپىك توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، مارسېل ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرىدىن دېبرۇينېنىڭ پاس بېرىشى بىلەن توررېس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مانچېستېر شەھىرىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرىدىن ستېرلىڭنىڭ پاس بېرىشى بىلەن گۇندوغان بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مانچېستېر شەھىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، دېبرۇينېنىڭ پاس بېرىشى بىلەن ستېرلىڭ بىر توپ كىرگۈزۈپ غەلبىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى 0:3 نەتىجە بىلەن مېھمان مەيداندا مارسېل كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى مانچېستېر شەھىرى ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، دېبرۇينېنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، روبېن دىياسنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىمۇ ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، فودېننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 18 مىنۇت بولغاندا مانچېستېر شەھىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مارسېل كوماندىسىدىن رونگېرنىڭ پاس قايتۇرۇشتىكى سەۋەنلىكىدىن پايدىلانغان دېبرۇينى ئوڭ تەرەپتىن توپنى توررېسقا پاس يەتكۈزدى، توررېس قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مانچېستېر شەھىرى داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، زىنچېنكونىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە سۈركىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى، مارسېل كوماندىسىدىن رادونىچنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە مانچېستېر شەھىرىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مارسېل كوماندىسى ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، توۋننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مانچېستېر شەھىرىدىن گۇندوغاننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 76 مىنۇت بولغاندا مانچېستېر شەھىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مانچېستېر شەھىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، كانسېلونىڭ سول تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن، ستېرلىڭ ئوڭ تەرەپتىن توپنى ئۈسسۈپ ئوتتۇرىغا پاس يەتكۈزدى، گۇندوغان قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 81 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا مانچېستېر شەھىرى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇقىملىدى، مانچېستېر شەھىرى ھۇجۇم تەشكىللەپ، دېبرۇينېنىڭ ئوڭ تەرەپتىن يەر بېغىرلىتىپ پاس يەتكۈزۈشى بىلەن ستېرلىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى 0:3 نەتىجە بىلەن مېھمان مەيداندا مارسېل كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.