10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ۋاڭ خانىم شاد ـ خۇراملىققا چۆمگەن ھالدا ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلدى، ئەسلىدە ۋاڭ خانىم بۇ ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى «ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئوچۇق-يورۇق مىجەزلىك ۋاڭ خانىم خۇشاللىقىدا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
ۋاڭ خانىم بۇ يىل 60 ياشتىن ئاشقان بۇلۇپ، ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ بىكار تۇرمىدى، ياشانغانلار ئۇسسۇل كۇرسى، ياشانغانلار شاھمات مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۇنىڭ پېنسىيە تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. يېقىندا ۋاڭ خانىم بىر قېتىملىق تەربىيەلەش دەرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تاسادىپىي پاراۋانلىق لاتارىيەسى«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەغش» ئويۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ خانىم ھەر كۈنى بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلدى.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ۋاڭ خانىم يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ھەر كۈنى بىر نەچچە پارچە« قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ. 10- ئاينىڭ 6- كۈنى ۋاڭ خانىمغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر كۈن بولدى، ئۇسسۇل مەشىق قىلىپ بولغان ۋاڭ خانىم 65430114 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ مال ساتقۇچىلارنىڭ ھەرخىل ئويۇن بېلەتلىرىنى تىزىپ لاتارىيەچىلەرنىڭ سېتىۋېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ۋاڭ خانىم رەڭگارەڭ بېلەتلەرنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆزىتىشكە باشلىدى ، ئۇ بىر قاراپلا «ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» لاتارىيە بېلەتكە كۆزى چۈشۈپ قالدى، شۇ ھامان كەسكىن ھالدا بەش پارچىنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى، لېكىن مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى. ۋاڭ خانىم يەنە بەش دانە «ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، ئاستا ـ ئاستا قىرىشقا باشلىدى، ئىككىنچى پارچىسىغا كەلگەندە مۇكاپات نومۇرى« 24» پەيدا بولدى، ئۇ ئالدىرىماستىن مۇكاپات سوممىسىنى بار ئۇرۇننى قىرشقا باشلىدى، « تەڭرىم، ئون مىڭ يۈەن! » ۋاڭ خانىم ۋارقىراپ كەتتى، يېنىدىكى باشقا لاتارىيەچىلەر ۋە ساتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئولىشىپ كەلدى، ھەقىقەتەن 10 مىڭ يۈەن ئىكەن، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە ھەۋەس قىلىشتى.
مۇكاپات پۇلىنى ئالغان ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى:« قوش بايرام مەزگىلىدە، بۇنداق كاتتا سوۋغا تاپشۇرۇۋالدىم، خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم، مەن 24 دېگەن بۇ ساننى ئىزچىل ياخشى كۆرەتتىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ماڭا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭدىن كىيىن مەن يەنە داۋاملىق "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىمەن، شۇنداقلا پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى باشقا تۈرلۈك قىزىقارلىق ئويۇنلارنى سىناپ باقىمەن.»- دېدى.