يېقىندىن بۇيان لاتارىيە بازىرىدىكى ئەڭ بازىرى ئىتتىك بېلەتنىڭ تۈرى « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قاتنىشىشىغا ئېرىشتى، لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەرى ئۈزلۈكسىز تارقالدى. 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىگە جايلاشقان 65290108 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بىر لاتارىيەچى يېڭىلىقنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، بىر نەچچە پارچە «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن 10 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى. پائالىيەت قائىدىسى بويىچە، بۇ لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن باشقا، يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى قۇشۇپ بېرلىدۇ، يەنى بۇ لاتارىيەچى جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ.
10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش، كەچلىك تاماق يەپلا دائىم بارىدىغان 65290108 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا باردى، جاڭ ئەپەندىم بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن بىر قانچە دو قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، بېلەت كەسكەندە ساتقۇچى ئۇنىڭغا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىنى تەۋسىيە قىلدى ھەم ئۇنىڭغا «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» نىڭ مۇكاپات تارقىتىش قائىدىسىنى سۆزلەپ بەردى، جاڭ ئەپەندى ئەزەلدىن قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنى ئويناپ باقمىغان بولۇپ، تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ سىناپ باقماقچى بولدى. دەسلەپتە ئۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىدىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ، 20 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، لىكىن جاڭ ئەپەندى پۇخادىن چىقمىدى، شۇنىڭ بىلەن يەنە قىممىتى 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» تىن ئىككىنى سېتىۋالدى، چوڭ مۇكاپات بۇ ئىككى لاتارىيە بېلىتىگە يوشۇرۇلغان ئىدى، جاڭ ئەپەندىم 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. مۇكاپات تارقىتىش قائىدىسىگە ئاساسەن، پائالىيەت مەزگىلىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىدىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات چىقسا (10 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، مۇكاپات سوممىسىغا باراۋەر مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ، يەنى جاڭ ئەپەندى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن « ئىككى ھەسسە خۇشاللىق» ھېسابلىنىدۇ.
«ھەر قېتىم مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى بولغاندا، لاتارىيە سېتىۋېلىشقا كەلگەن لاتارىيەچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، لاتارىيە سېتىۋېلىش قېتىم سانىمۇ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ» . پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇ پائالىيەت ئېلانىنى پونكىتنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چاپلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ سالمىقى ئىنتايىن زور ئىكەن، كۆڭۈل ئېچىشقا ئامراق نۇرغۇن لاتارىيەچى دوستلار پائال قاتنىشىپتۇ، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم لاتارىيە بازىرىغا كىرگەن نۇرغۇن يېڭى لاتارىيەچىلەرنى جەلپ قىپتۇ.