قەشقەر ساقچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ

2020-10-28
來源:

26-ئۆكتەبىر قەشقەر تور ساقچىسى ئۈندىدار سۇپىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە: يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۈندىدار توپلىرىدا «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياردەم پۇلى» نامىدا ساختا قىزىل بولاق ئۇلىنىشى تارقالدى ھەمدە ئابونتلارنى تەكرار تارقىتىشقا قىزىقتۇردى، دېيىلدى. قەشقەر تور ساقچىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ساختا قىزىل بولاق ئۇلىنىشىنى ئاچسىڭىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، يان تېلېفونىڭىز «تىرويا» ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشى   ۋە مال-مۈلكىڭىز زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئۇلىنىشلار «ئومۇمىي خەلق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۇرمۇش ياردەم پۇلى»، «ئومۇمىي خەلق تۇرمۇش ياردەم پۇلى»، «ئومۇمىي خەلق يۇقۇم ياردەم پۇلى» قاتارلىقلار بولۇپ، ئابونتلارنى جەلپ قىلغان ۋە تەكرار تارقىتىشقا قىزىقتۇرغان، ئەمەلىيەتتە بەت مەزمۇنى ساختا ئۇچۇرلار بىلەن تولغان ئىكەن.

«ساختا قىزىل بولاق»لار ئۈندىداردا دوستلار ئارا تارقالغاچقا تورداشلار ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇلانمىنى ئېچىپ ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشىدۇ.

مەسىلەن، ساختا قىزىل بولاقنى ئاچسا «200 مىليون يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى، كۈز ئېيىدىكى باھار شامىلى ياردەم پۇلى بېرىلدى، 29-ئۆكتەبىرگىچە بېرىلىدۇ، ھەممەيلەن ھەقسىز ئالالايدۇ»، «قىزىل بولاقنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 79 مىليون 970 مىڭ يۈەن، سانى چەكلىك، كېچىكسىڭىز ئالالمايسىز» دېگەندەك مەزمۇنلار كۆرۈنىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا قەشقەر تور ساقچىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئابونتلار پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، ئادەتتە، ئابونتلاردىن ئۇچۇر كىرگۈزۈشنى، APP چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ياكى نورمال قىزىل بولاق ئېلىش بىلەن بىردەك بولمىغان باشقا مەشغۇلاتلارنى تاماملاشنى تەلەپ قىلىدىغان قىزىل بولاقلار ساختا قىزىل بولاق ھېسابلىنىدۇ، دىققەت بىلەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئەگەر ھەقىقەتەن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بولسا، ھۆكۈمەت رەسمىي يوللار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىدۇ ۋە تارقىتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شەخسنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، كىملىك نومۇرى، بانكا كارتىسى ئۇچۇرى، پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلارنى گۇمانلىق ئۇلانمىلار ئىچىگە خالىغانچە كىرگۈزمەسلىك كېرەك. گۇمانلىق ئۇلانمىنىڭ ھوقۇق ئىلتىماسىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئالدامچىلارنىڭ ئۇلانمىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆرۈلگەن تېلېگراف ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن قەشقەر تور ساقچىسى يەنە مۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇ: ئەگەر مال-مۈلكىڭىز زىيانغا ئۇچرىسا، ئالاقىدار ئالاقە تورى سۇپىسى، بانكا قاتارلىقلارغا ۋاقتىدا چىقىم قىلىشنى توختىتىش ئىلتىماسى سۇنۇپ زىياننى ۋاقتىدا توختىتىڭ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دەلىل-ئىسپات توپلىشىغا ياردەملىشىڭ.

توردىكى ھەر خىل «ياردەم پۇل» ئۇلىنىشلىرىغا ئالدانماڭ

26-ئۆكتەبىر قەشقەر تور ساقچىسى ئۈندىدار سۇپىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە: يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۈندىدار توپلىرىدا «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياردەم پۇلى» نامىدا ساختا قىزىل بولاق ئۇلىنىشى تارقالدى ھەمدە ئابونتلارنى تەكرار تارقىتىشقا قىزىقتۇردى، دېيىلدى. قەشقەر تور ساقچىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ساختا قىزىل بولاق ئۇلىنىشىنى ئاچسىڭىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، يان تېلېفونىڭىز «تىرويا» ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشى   ۋە مال-مۈلكىڭىز زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئۇلىنىشلار «ئومۇمىي خەلق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۇرمۇش ياردەم پۇلى»، «ئومۇمىي خەلق تۇرمۇش ياردەم پۇلى»، «ئومۇمىي خەلق يۇقۇم ياردەم پۇلى» قاتارلىقلار ناملاردا ئابونتلارنى جەلپ قىلغان ۋە تەكرار تارقىتىشقا قىزىقتۇرغان، ئەمەلىيەتتە بەت مەزمۇنى ساختا ئۇچۇرلار بىلەن تولغان ئىكەن.

«ساختا قىزىل بولاق»لار ئۈندىداردا دوستلار ئارا تارقالغاچقا تورداشلار ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇلانمىنى ئېچىپ ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشىدۇ.

مەسىلەن، ساختا قىزىل بولاقنى ئاچسا « 200 مىليون يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى، كۈز ئېيىدىكى باھار شامىلى ياردەم پۇلى بېرىلدى، 29-ئۆكتەبىرگىچە بېرىلىدۇ، ھەممەيلەن ھەقسىز ئالالايدۇ»، «قىزىل بولاقنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 79 مىليون 970 مىڭ يۈەن، سانى چەكلىك، كېچىكسىڭىز ئالالمايسىز» دېگەندەك مەزمۇنلار كۆرۈنىدۇ.