گېرمانىيە زۇڭتۇڭى: گېرمانىيە 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن ئاي ئاخىرىغىچە تاقىلىدۇ دېدى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-29
來源:تېڭشۈن تورى

德国总理安格拉·默克尔 视觉中国 图

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ئۆكتەبىر خەۋىرى ، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى:   گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل 28-چېسلا ئىشتات باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن گېرمانىيەدە كۆپ قىسىم جامائەت ئەسلىھەلىرى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى تاقاش ۋە شەخسلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


گەرچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرى داۋاملىق ئېچىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقا تەدبىرلەر يىل بېشىدىكى تۇنجى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە« شەھەرنى قامال قىلىش» نى يولغا قويۇش سالمىقىغا يەتكەن، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئۇنى« ئەمەلىيەتتىكى شەھەرنى قامال قىلىش» دەپ ئاتىغان.


28-چىسلاغىچە گېرمانىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ئاپپاراتى ئېلان قىلغان بىر كۈندە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان ئادەم سانى 14964 بولۇپ، بۇ دۆلەتتە يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەت ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر ئورگان ئېلان قىلغان گېرمانىيە« ھەر 100 مىڭ ئادەمگە يەتتە كۈندە يېڭىدىن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى» 28-چېسلاغىچە% 93.6 كە يېتىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېكىتكەن 50 ئاگاھلاندۇرۇش قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى. شۇ يەر ۋاقتى 28-چېسلا سائەت 17دىن ئاشقاندا، گېرمانىيەنىڭ« دەۋر لىنىيەسى» دىكى ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەدە جەمئىي 470مىڭ 566 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، 10 مىڭ 284 كىشى ئۆلگەن.


مېركىل شۇ كۈنى ھەرقايسى شىتاتلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، فېدىراتسىيە بىلەن ھەرقايسى شىتاتلار ھاسىل قىلغان يۇقىرىقى قارارنى ئېلان قىلدى. قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:


يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ نىشانى يېڭىدىن يۇقۇملىنىشنى توسۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر 100 مىڭ ئادەمگە 7 كۈندە يېڭىدىن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانىنى 50 تىن تۆۋەن كونترول قىلىش.

بۇنىڭ ئىچىدە، 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، گېرمانىيە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىللە ماڭغانلار ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ھۆكۈمەت يەنە ئاممىدىن جىددىي بولمىغان شەخسىي ساياھەت ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى. پات ئارىدا تاقىلىدىغان سورۇنلار ئاشخانا، قاۋاقخانا، كۇلۇب قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېمەك-ئىچمەك كەسپى پەقەت سىرتقا سېتىش ۋە سىرتقا ئېلىپ چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تىياتىرخانا، مۇزىكا زالى، كىنوخانا، چېنىقىش ئۆيى، قىمارخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش سورۇنلىرىمۇ تاقىلىدۇ. كۆپ ئادەم قاتناشقان ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ توختىتىلىدۇ. كەسپىي مۇسابىقە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار يوق ئەھۋالدا داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرى ھەرقايسى ئىشتاتلاردا زۆرۈر بولغان مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا داۋاملىق ئېچىۋېتىلىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى« شەھەرنى قامال قىلىش» مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش، 11-ئايدىكى« شەھەرنى قامال قىلىش» مەزگىلىدە، تاللا بازىرى قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ساتىدىغان كارخانىلار داۋاملىق تىجارەت قىلسا بولىدۇ.

ـــ بىز چوقۇم ھازىر ھەرىكەت قوللىنىشىمىز كېرەك. مېركېل شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: تەدبىر قوللىنىپ گېرمانىيەنىڭ ئېغىر مەملىكەت خاراكتېرلىك سەھىيە جىددىي ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش زۆرۈر.


گىرمانىيە فىدراتسىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى يۇقارقى تەدبىرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانا ۋە ئاپپاراتلارنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك« شەھەرنى تاقاش» تەدبىرى يولغا قويۇلۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقايسى ئىشتاتلار يەنە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، زۆرۈر تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ.