ما يۈن: «نامرات بولۇشىڭىزدىكى سەۋەپ، سىزدە تەۋەككۈلچىلىك يوق» دېگەن. بايلار ھەمىشە باشقىلارنى پەقەت ئۆزىلىرىگە ئوخشاش «ھارماي-تالماي كۈرەش قىلسىلا» ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
سىز كەسىپتە ئۇتۇق قازانغاندا مۇنبەردە تۇرۇپ ئېيتقان ھەر بىر ئېغىز گەپ توغرا بولىدۇ، خۇددى بىر نەچچە ئېغىز ئاتالمىش «ئاكتىپ ئېنىرگىيە» بىلەنلا كۆپچىلىكنى سۇ ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغاندەك. لېكىن تۇرمۇش راستىنلا شۇنداق ئاسانمۇ؟ رېئاللىقنىڭ رەھىمسىزلىكى جاپا-مۇشەققەتكە قولىنى ئەگرى قىلىپ باقمىغان بايلار زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئىشەنمىسە ئۇلارمۇ نامرات بولۇپ سىناپ باقسۇن!
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگو شياڭگاڭدا بايلار نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ باقىدىغان بىر پروگرامما بار ئىدى، لېكىن بۇ ھېس قىلىپ بېقىشنىڭ نەتىجىسى ئادەمنى سەل چۆچۈتىدۇ.
بايلار مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن، «نامراتلارنىڭ نامرات بولۇپ قىلىشىدىكى سەۋەپ ئاساسلىقى نامراتلار ھورۇن ۋە كۈرەش قىلىش ئىرادىسى يوق شۇڭا ئۇلار پۇل تاپالمايدۇ. ئۇلارمۇ يېتەرلىك تىرىشسىلا تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ» دەپ قارايدۇ.
لېكىن ئەمەلىيەتچۇ؟
1. پروگراممىنىڭ ئەزىز مېھمىنى تيەن بېيچېن (田北辰) كامېرا ئالدىدا تۇرغاندا گەپ-سۆز جەھەتتە ما يۈن بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ: «مەن باشتىن-ئاخىر ئەركىن بازار ئاچتىم، بازار نۇرغۇن ئاجىزلارنى شاللىۋەتتى. لېكىن ئەگەر سىزدە كۈرەش ئىرادىسى بار بولسا، ھەر قانچە ئاجىز بولسىڭىزمۇ، كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرەلەيسىز».
تيەن بېيچېن G2000 ۋە U2 دىن ئىبارەت ئىككى خىل كىيىم-كېچەك ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان، خارۋارد داشۆسىنىڭ باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، دادىسى شياڭگاڭدىكى «بىر ئەۋلاد ئىشتان شاھى»، ئاپىسى بولسا شياڭگاڭ جياڭنەندىكى تۆت چوڭ جەمەتنىڭ بىرى بولغان رۇڭ جەمەتىنىڭ ۋارىسى. ئۇ ئاكىسى تيەن بېيجۈن بىلەن جەمەت كىيىم تىكىش گۇرۇھىنى ئورتاق باشقۇرىدۇ، جەمەت بايلىقى 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.
بىر «تىرىشچان» بايۋەچچە راستىنلا كۈرەش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى چۈشىنەمدۇ؟ ئۇنىڭ كۆز قارىشى ناھايىتى تېزلا يۈزىگە كاچات بولۇپ ئۇرۇلدى.
نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى ئۆتكەل: تۇرالغۇ
تيەن بېيچېن ھەميانىنى پروگرامما گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇپ، تۇرمۇشنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. تۇنجى بولۇپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە نەدە تۇرۇش مەسىلىسى.
تيەن بېيچېنغا ئورۇنلاشتۇرغان قەپەز ئۆي (قەپەز ئۆي شياڭگاڭدىكى ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۈچ-تۆت كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيلەرنى كۆرسىتىدۇ، بەكلا كىچىك بولغاچقا ئادەتتە قەپەزدەك ئۆي دەپ ئاتىلىدۇ) ئوتتۇرا باھالىق ئۆي بولۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن «كاتەك» دەپ ئايرىلىدۇ، يۇقىرى كاتەكنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 1265 يۈەن، تۆۋەن كاتەكنىڭ ئايلىق ئىجارىسى 1350 يۈەن. ئەمەلىيەتتە بۇ شياڭگاڭدىكى قەپەز ئۆيلەر ئىچىدە خېلى ياخشىسى بولۇپ، ئۇنى «ھەشەمەتلىك قەپەز ئۆي» دېيىشكە بولىدۇ.
بىراق تيەن بېيچېن كارىۋاتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى:
ئۇ بۇ كاتەكنى كۆرۈپ «ئويلىغىنىمدىن سەل كىچىككەن» دېدى ۋە كۆڭلى يېرىم بولدى، پروگرامما گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى. بۇ يەر ھەشەمەتلىك قەپەز ئۆي بولغاچقا، ئۆيدە بىر تازىلىق ئۆيى بار، يۇيۇنغاندا ئاممىۋى مۇنچا ئىزدەش ھاجەتسىز.
تيەن بېيچېن ئادەتتىكى قەپەز ئۆينى كۆرگىلى بارغاندا ئاندىن ھەيرانلىقى چېكىگە يەتتى: قارىماققا ئەخلەت دۆۋىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ قويۇلغان بىر كارىۋاتنىڭ ئايلىقى 600 يۈەن، بىر قەۋەتتە پەقەت بىر ھاجەتخانا بار. يۇيۇنغاندا ئۆزى قايناقسۇ قاينىتىپ يۇيۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا ھاجەتخانىنىڭ تورۇسىغىمۇ يەنە بىر كارىۋات ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن تيەن بېيچېن مۇنداق دېدى: «يەر بەك قىممەت ئىكەن، بازارنىڭ ئادىل بولۇشى ناتايىن، بازار كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان جاي! »
بۇ ئامالسىزلىقتىن بولغان تاللاش، بازاردىكى ئۆيلەر بەك قىممەت، پەقەت مۇشۇنداق ئۆيلەرلا نامراتلارنىڭ كوچىدا قالماسلىقى ۋە تۇرمۇشىنى ئاران قامدىشى ئۈچۈن دال بولالايدۇ.
ئىككىنچى ئۆتكەل: چىقىم
تيەن بېيچېن سائەتلىك ئىش ھەققى 25 يۈەن بولغان مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بولۇپ باقماقچى بولدى، كىرىم مۇقىم بولدى، ئەمدى چىقىم ھېسابلانسىلا بولىدۇ.
خىزمەتنى باشلاشتىن بىر كۈن بۇرۇن، تيەن بېيچېن ئۇخلاش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىشقا بارىدىغان يولنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ مېترو بېكىتىگە بېرىپ سۈرۈشتۈردى. مېتروغا ئولتۇرسا ئىشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقۇپ كېچىلىك ئاپتوبۇسقا ئولتۇرماقچى بولدى، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسا بېرىپ-كېلىشكە تەخمىنەن 27 يۈەن كېتەتتى.
پروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىشتىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، تيەن بېيچېن شياڭگاڭ جيۇگۇاڭ تۆمۈر يول شىركىتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بولغاندا، بەزىلەر ئۇلارغا مېترو بېلىتىنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرىراق ئىكەنلىكىنى، ئاممىغا زور يۈك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان. ئۇ چاغدا تيەن بېيچېن: «تۆمۈر يول شىركىتى پاراۋانلىق ئورگىنى ئەمەس، قىممەت ھېس قىلغان بولسىڭىز، سىز بېرىپ باشقا ئۇسۇلنى تاللاڭ». دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
ھازىرچۇ؟ مېترونى دېمەي تۇرايلى، ئۇ ھازىر ئاپتوبۇسقىمۇ ئولتۇرالمايدۇ.
ئۇنىڭ تۇرمۇش پۇلى قانچىلىك؟ ھەر كۈنلۈك كىرىمدىن ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرسا، تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئېشىپ قالغان پۇل پەقەت 50 يۈەن، ئىشقا چىقىش ۋاقتى 6:15 تە، بۇ چاغدا مېترو تېخى ئېچىلمىغان، پەقەت 27 يۈەنلىك ئاپتوبۇس بار.
«قاتناش خىراجىتى نامراتلارنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى بوغۇپ قويۇپتۇ»، تيەن بېيچېن بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ئەمەلىيەتتە، چىقىمنىڭ كىرىمدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە تېخى ۋاقىت مەسىلىسىمۇ بار، بايلار ھامان ھەر خىل چارىلەر ئارقىلىق ياخشى ئورۇنلارنى ئېچىپ كۆپ پايدا ئالىدۇ ۋە ئەسلىدە بۇ يەردە تۇرىۋاتقان كىشىلەرنى قاتنىشى قولايسىز يىراق جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ، شۇڭا نامراتلارغا قاتناش ھەققى ۋە ۋاقىت تەننەرخى قوشۇلىدۇ.
قاتناش مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، تاماق يەيدىغانغا 23 يۈەنلا پۇل قالدى، تيەن بېيچېن ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ھاياتتىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى.
قەيەردە باھاسى 15 يۈەندىن تۆۋەن قولايلىق تاماق بار؟ ياق، ئەڭ ئەرزان قاپلىق تاماق 19.9 يۈەن، ئەگەر چۈشلۈك تاماقتا بۇنچىلىك پۇلنى خەجلىۋەتسە كەچلىك تاماققا توپا يېيىش كېرەكمۇ؟ دېمەك ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە خىراجەت قىلغان تەقدىردىمۇ، تاپقان پۇل يەنىلا يېتىشمەيدۇ.
ئۈچىنچى ئۆتكەل: خىزمەت مۇھىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمەت
تيەن بېيچېننىڭ خىزمىتى تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، ئەخلەت ساندۇقىدىكى ئەخلەتنى تۆكۈشكە توغرا كېلەتتى.
بۇ خىزمەت ھەقىقىي تۈردىكى «مەينەت ۋە جاپالىق خىزمەت» ئىكەن.
بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تيەن بېيچېننىڭ تازىلىق قىلىش سۈرئىتى نورمال ئىشچىلارغا يەتمەيدۇ، ئەسلىدە ئىككى سائەتتە ئون نەچچە ئەخلەت ساندۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى، ئۇ يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ئىشلەپ، پەقەت ئىككىسىنى تۈگەتتى، خىزمەتداشلىرى ئۇنى تېز بولۇشقا ئالدىراتتى.
ئادەتتە يەر يۈزىدە كۆرگىلى بولمايدىغان تاماكا قالدۇقىنى بېلىنى ئېگىپ يىغىشقا توغرا كېلىدۇ، كىچىك بالا بايىلا تەرەت قىلىپ قويغان ئەخلەت تۇڭىنىمۇ سۈرتۈش كېرەك. بىر كۈندىن كېيىن تيەن بېيچېن يېنىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ قايتىپ ئۇخلاي دەپ تۇرغاندا باشقا خىزمەتداشلىرى ئىشتىن چۈشمىگەن ئىدى. ئۇلار ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن يەنە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىشى كېرەك.
ئۇلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى بولسا بىر كۈندە 17 سائەتكە يېقىن خىزمەت قىلىدۇ، پەقەت 5-6 سائەتلا ئۇخلايدۇ.
«ئاكتىپ ئېنىرگىيە»دە نامراتلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبى ئۇلارنىڭ تىرىشمىغانلىقى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنىڭ يوقلۇقى دېيىلىدۇ. لېكىن، ئەمىليەتتە ئۇدا 17 سائەت ئىشلىگەن ئادەم يەنە ھورۇن بولامدۇ؟ شۇڭا بايلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچىلا كەمبەغەللەرنىڭ تۇرمۇشىنى پەرەز قىلماسلىقى كېرەك.
ئۆزىنى باقالمىغاننى ئاز دەپ، تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى يوق، تيەن بېيچېن ئادەتتە كوچىدا ماڭغاندا باشقىلارنىڭ تونۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇ بۇ قېتىم تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ بەدىنىگە خۇددى بىر بەلگە چاپلىغاندەك ھېس قىلدى.
بەزىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن بۇرنىنى ئەتكىنىچە تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتتى، تيەن بېيچېن ئۆزىنى خۇددى ھەممە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان «ئالۋاستى»دەك ئويلىدى.
ئىززەت-ھۆرمىتى يوق، پۈتۈن بەدىنى سېسىق پۇرايدۇ، ئىش ھەققى تۆۋەن، خىزمەت جاپالىق، باشقا خىزمەتچىلەردىن بالدۇر ئورنىدىن تۇرىدۇ... بۇنداق خىزمەت ھەقىقەتەن ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
«نامراتلىقنىڭ تەمى بار»، بۇ سۆز مۇبالىغە ئەمەس. «1984» ناملىق ئەسەرنى يازغان ئوۋېر: «تەبىقىلەرنى ئايرىشنىڭ ھەقىقىي سىرى پۇراقتا» دېگەن.
بەكلا جاپالىق بولغاچقىمىكىن، ئەسلىدە بىر ھەپتىلىك پروگراممىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان تيەن بېيچېن قائىدىنى بۇزۇپ نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىككى كۈنلا «ھېس قىلدى». ئۇ مۇنداق دېدى: «پەقەت ئىككى كۈن بولغاچقىلا بەرداشلىق بېرەلىدىم، ئەگەر بىر ئاي ياكى يېرىم يىل ئىشلىمەكچى بولسام ئۇنداقتا بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كېتەتتىم!»
2. ئەگەر تازىلىق ئىشچىلىقىنى ئوتتۇرا ياشلىق ياكى ياشانغانلار قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا ياشلار باشقا كەسىپ تاللىسا ياخشىراق بولامدۇ؟
كاتتا ئادۋۇكات جوۋ چىباڭنىڭ ئوغلى جوۋ گوفېڭمۇ پروگراممىغا قاتناشتى، شۇ چاغدا ئۇ تېخى ياش بولۇپ لوندون داشۆسىنى پۈتتۈرۈپ ئادۋۇكاتلار سېپىگە يېڭى قوشۇلغان ئىدى.
ئۇ تۆۋەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياشقا ئايلىنىپ، ئەتكەن چاي دۇكىنىغا كېلىپ ئىشلىدى.
پروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن، بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «باي-نامراتلىق زادى كىم تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؟ ئىجتىمائىي بايلىق تەقسىماتىنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىمۇ، ھورۇنلۇقمۇ ياكى پېشانىگە پۈتۈلگەنمۇ؟»
جوۋ گوفېڭ ئەسلىدە كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكتىن غەم قىلمايدىغان بولۇپ، جەمەتى شياڭگاڭدىكى ئالدىنقى تۆت چوڭ جەمەتنىڭ بىرى، ئاتا-ئانىسى داڭلىق ئەرباب. ئۇ ئۆزىمۇ خۇسۇسىي ئادۋوكاتلىق ئورنى ئاچقان.
ئەتكەن چاي دۇكىنىغا ئىشقا چۈشكەن كۈنىلا جوۋ گوفېڭ باشتىن-ئاخىر ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
تاماق يېيىش ۋاقتى پەقەت يېرىم سائەتلا، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئوقىدا توختاۋسىز ئايلىنىدىغان مېخانىك خىزمەتكە داۋاملىق يۈزلىنىپ، خۇددى چاپلىن فېلىمىدىكى مودېن زاۋۇت ئىشچىلىرىغا ئوخشاش تەكرار-تەكرار قىلىدىغان ئەمگەك ئەتىگەندىن كەچكىچە، كۈندىن-ئايغا داۋاملىشىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي جوۋ گوفېڭ نامراتلارنىڭ نامراتلىقى ئۇلارنىڭ تىرىشمىغانلىقىدىن، ھورۇنلىقىدىن دېگەن كۆز قاراشنى قوللاشقا ئامالسىز قالدى، چۈنكى بۇ سۇبيېكتىپ يەكۈن بولۇپ، ئۇ بۇنداق خىزمەت مۇھىتىدىكى ياشلاردىن تەسىرلەندى، بەزىدە راستىنلا ئۈمىد يوق ئىدى.
بۇ خىل ئايلىنىش جەريانىدا، ئىشقا بېرىپ پۇل تېپىش پەقەت كۈندىلىك چىقىمنى قامداپ ھايات قىلىش ئۈچۈنلا بولۇپ، كەلگۈسى ياكى پىلانى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقمايدۇ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش پەقەت ياخشى تاماق يېيىش ئۈچۈن.
3. بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ: نامراتلارنىڭ قەد كۆتۈرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
(1) ھازىرقى زامان يېڭى ئىجتىمائىي ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدا ئوقۇش تارىخى ۋە بىلىمى يوق، تېخنىكىسى يوق كىشىلەر پەقەت تازىلىق ئىشچىسى ياكى ئەتكەن چاي دۇكىنىنىڭ مۇلازىمەتچىسى دېگەندەك خىزمەتلەرگىلا بارىدۇ، بۇنداق خىزمەتلەرنىڭ كىرىمى بەك تۆۋەن، خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن.
(2) تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىمى ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ تار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
نامراتلار كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولۇش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالمىغان ئەھۋالدا، قانداقمۇ كېلەر يىلى ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا پىلان تۈزىيەلىسۇن؟ بۇ ھالدا ئۇلاردا قانداقمۇ كۈرەش قىلىش روھى بولسۇن؟ ئۇلار پەقەت كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقنىلا كۆرىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆز ئالدىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشمۇ تەس تۇرسا يەنە نەدىكى زېھنى بىلەن تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىدۇ؟ تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى بۇ خىل ھالەت نامراتلارنى ئاسانلا قىمارنىڭ پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويىدۇ.
«ئەڭ ئاخىرقى كالتەك» (最后的棒棒) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، بىر توپ ئادەم قارتا تۇتۇش ئويۇنىغا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياشتا چوڭراق بىرى ئۈچ ياخشى قارتنى تۇتۇۋالغاچقا، ئۆزىنى بۈگۈن تەلىيىم بەك ياخشى كېلىدىكەن دەپ ئويلاپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تىكىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل ئۇتۇش ئۈچۈن ھەممە يەرگە بېرىپ پۇل قەرز ئالىدۇ. نەتىجىدە ھېچنىمە ئۇتالمىغاننى ئاز دەپ بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلىدۇ.
قارت ئوينىغان كۈنى، ئۇ ئۆي ئىگىسىگە 1800 يۈەن قەرز بولۇپ قالغان، يەنە كېلىپ يېنىدا پۇل يوق ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر سىرتقا چىقىپ ئىشلىسىمۇ ئۆي ئىجارىسىنى تاپالىشى ناتايىن، ئۇنىڭدىن كۆرە قىمار ئويناپ باققان ياخشىراق.
بۇ ئىشنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭدىن كۆرگىلى بولامدۇ؟ ئۇنداق بولۇشىمۇ ناتايىن.
چۈنكى نۇرغۇن نامراتلار دائىم ئۆلۈك ھالدىكى ئايلىنىش قاينىمىغا پېتىپ قالىدۇ، يەنى: نەزەر دائىرىسى تار، پەقەت كۆز ئالدىنىلا ئويلاش، بىر ئىش قىلغاندا ئاسان ھاياجانلىنىش، ئىقتىسادنى ئايلاندۇرالماسلىق، بىر مەۋقەنىلا چۆرىدەش
4. ئەمەلىيەتتە بۇنداق يەكۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئورتاق ماس كېلىدۇ.
ئامېرىكىلىق يازغۇچى باربارا ئاللېن رايك «مېنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى تۇرمۇشۇم» (我在底层的生活) ناملىق بىر كىتاپ يازغان، ئەمەلىيەتتە ئاپتور ئوتتۇرا قاتلام كىشىلىرىگە تەۋە بولۇپ، لېكىن بىر مەھەللىك قىزىقىشىنىڭ تۈرتكىسىدە نامراتلار مەھەللىسىدە نەچچە ئاي ئىشلەمچى بولغان، بۇ كىتاب ئۇنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشى.
باربارا ئالدى بىلەن تۇرىدىغان جاي تېپىشى كېرەك ئىدى.
شەھەر رايونىدىن 15 مىنۇتلۇق مۇساپە بولغان جاينىڭ ئىجارە ھەققى 675 ئامېرىكا دوللىرى، ئۇ ئۇ جايدىن ئۆي ئىجارىگە ئالالماي، شەھەر رايونىدىن 48 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جاينى تاللاپ ئۆي ئىجارىگە ئالدى. شۇنداق قىلغاندىلا ئۆي ئىجارىسىنى 500 ئامېرىكا دوللىرى ئىچىدە كونترول قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆي ئىجارىسىلا ئۇنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇ يول بويىدىكى كىچىك دۇكاننىڭ مۇلازىمەتچىسى بولىدۇ، ئايلىق مائاشى 2.43 دوللار، چۈنكى خوجايىن مۇشۇنچىلىكلا ئىش ھەققى بېرەلەيدۇ. لېكىن بۇ كىرىم بىلەن ئەسلا ياشىغىلى بولمايدۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئامېرىكىدا چاي پۇلى بېرىدىغان ئادەت بار، بىراق بۇنداق رېستۇرانغا كەلگەن خېرىدارلارمۇ ئاساسەن كۆك ياقىلىقلار (ئەمگەكچىلەر، ئىشچىلار). مۇلازىمەتچىلەر مېھمانلارغا تېخىمۇ كۆپ ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، بىردىنبىر قىلالايدىغىنى ئۇلارنىڭ تامىقىغا كۆپرەك سالات قىيامى ياكى قايماق قوشۇپ بېرىش، بۇ تاكتىكا ناھايىتى ئۈنۈملۈك، نەتىجىدە بۇ مېھمانلار بارغانسېرى سەمىرىپ كېتىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئورۇق-سېمىزلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ قايسى قاتلامنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، دېگەن بۇ خىل قاراش ئامېرىكىدا بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە.
باربارا نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئاپتوموبىل مېھمانخانىدا تۇرغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنچە كۆپ پۇل تۆلەپ ئۆي ئىجارە ئالمايدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالدى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ئېشىپ كەتتى. چۈنكى بۇ خىزمەتداشلار ئۆي ئىجارە ئالغاندا تۆلەيدىغان رەنە پۇلىنى تۆلىيەلمەيدۇ. نامراتلار دائىم بىر قىسىم زۆرۈر بۇيۇملار ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى ھەق تۆلەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بارغانسېرى نامراتلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
باربارا سائەتلىك ئىش قىلىپ باققان، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەرەت قاچىسى ۋە ۋاننىنى چوتكىلىسا، شىركەت 25 دوللار ئالىدۇ، ئۇلارغا پەقەت 6.65 دوللارلا قالىدۇ، ئۇ يەنە ۋالمارتنىڭ مال ساتقۇچىسى بولغان، ياشانغانلار ساناتورېيەسىنىڭ قارىغۇچىسىمۇ بولغان . . .
ئۇ بىر كۈندە ئىككى كىشىلىك ئىش قىلىدۇ، ھەر ھەپتىدە يەتتە كۈن خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بەك تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مالىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ مېجەزى بارغانسىرى چۇسلىشىپ ھىيلىگەر، شەپقەتسىز، قەلبى نارازىلىققا تولغان بولۇپ كەتكەن. خىزمەت ئېغىر بولغاچقا، ئۇ ئاغرىپ قالغاندا ئاغرىق توختىتىش دورىسى يەپ بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولغان، ئەگەر ئاغرىپ قالسا، چوڭ ئاپەت بولىدۇ.
ئۇنىڭ يەكۈنى شياڭگاڭدىكىلەرنىڭ يەكۈنى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ:
(1) نامراتلارنىڭ تېنى ساغلام بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە تۇرمۇشىنى قامداپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئىش ھەققى بەك تۆۋەن، ئۆي ئىجارىسى بەك يۇقىرى؛
(2) تۆۋەن مائاشلىق خىزمەت بىر ئادەمنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدۇ، ئىش باشقۇرىدىغان دىرېكتورلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھورۇن دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ؛
(3) نامراتلار كۈندىن-كۈنگە چەتكە قېقىلماقتا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا سەل قارايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى تەۋەككۈل قىلىش روھى يوق، تىرىشچان ئەمەس، بىلىمسىز قاتارلىق نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشنى تېخىمۇ خالايدۇ . . .
ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى تۇغۇلۇشىدىنلا پىشانىسىگە پۈتۈلگەن، خۇددى نۇرغۇن بايلارنىڭ بالىلىرى ھەر قانچە ناچار بولسىمۇ نامراتلاردەك «ناچار» بولمىغانغا ئوخشاش.
5. ئۇنداقتا نامراتلار تەقدىرىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىمنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ئۇسۇل.
پروگراممىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، يۈزلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن «كاچات» ئۇرۇلغان تيەن بېيچېن ئىلگىرىكى ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاز ساندىكى ئامما ئۈچۈن ئاۋاز بېرىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. يەنە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.
ئۇنىڭ تەسىراتى بولسا جاپالىق ئىشلەپ تۇرۇپمۇ ئاز مائاش ئېلىشتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە قانداقتۇر تىرىشمىغانلىق ياكى كۈرەش قىلىش روھىنىڭ يوق بولۇشى ئەمەس، بەلكى كىتاب ئوقۇمىغانلىق، ئوقۇش تارىخىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە تېخنىكىسىنىڭ يوق بولۇشى قاتارلىق ئامىللاردىن ئىبارەت.
ھەقىقەتەنمۇ كۆپرەك ماھارەت ئىگىلەش نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ بىردىنبىر يولى بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ئاللىقاچان كۆرۈپ يەتكەن، شۇڭا ھازىر ئىقتىسادى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق كۆپرەك ئىمتىھان بېرىپ، كۆپرەك ماھارەت ئۆگىنىۋاتىدۇ. بۇ ۋاقىتنى ئويۇن ئويناش، تىياتىر كۆرۈشكە سەرپ قىلغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى.
ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ «قانچە تىرىشقانسېرى شۇنچە نامراتلىشىش، قانچە نامرات بولغانسېرى شۇنچە تىرىشىش»تەك بۇنداق ئۆلۈك ھالەتتىكى ئايلىنىشقا پېتىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!