ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر «سىزغۇچ» بار. ئۇنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ، لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى ئۆلچەيدۇ. لېكىن ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ھەممەيلەننىڭ نۇقتىمىز، مەيدانىمىز، ئېھتىياجىمىز ئوخشىمايدۇ، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئېتىبارسىز قارالغان نەرسىلەرنى بەلكىم باشقىلار گۆھەردەك كۆرۈشى مۇمكىن.
ئۆز قەلبىڭىزدىكى «سىزغۇچ» بىلەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئاسانلىقچە باھا بەرمەڭ، بۇ ھەر بىر قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇقتا.
ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئىشىغا باھا بەرمەڭ، بۇ بىر خىل ئەقىل-پاراسەت. شۇنداقلا بىر خىل تەربىيە.
تۇرمۇشتا بىز باشقىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىمىزنىڭ تونۇشى ئارقىلىق پەرەز قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆلچەشكە ئادەتلەنگەن.
ئەمەلىيەتتە سىز باشقىلارنىڭ دەردىنى كۆرەلمەيسىز.
كىشىلىك ھايات ئەسلىدىنلا ئاسان ئەمەس، ئەگەر باشقىلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن جاپاسىنى، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەن ھالەتتە ئېغىزىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇڭ،باشقىلارغا خالىغانچە باھا بەرمەڭ، بۇ دۇنيادا ھەممە ئادەمنى ئۆلچىيەلەيدىغان «سىزغۇچ» يوق، ئۆز «سىزغۇچ»ىڭىزنى باشقىلارنى ئۆلچەيدىغان قورال قىلماڭ.
دۇنيا ناھايىتى چوڭ، بىز مەڭگۈ پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىغىلا ئېنىقلىما بېرەلەيمىز.