كرىستىيانو رونالدو مەشىقنى تاشلىمىدى، سەپداشلىرىغا مەدەت بەردى

alkuyi
2020-10-29
來源:zhibo8



يۇۋېنتۇس بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا ساھىبخان مەيداندا 2:0 نەتىجە بىلەن بارسېلوناغا ئۇتتۇردى، يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان كرىستىيانو رونالدو ئۆيىدە تۇرۇپ سەپداشلىرىغا مەدەت بەردى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان كرىستىيانو رونالدونىڭ كەيپىياتى يەنىلا ئىنتايىن ياخشى، ئايرىلىپ تۇرۇش جەريانىدىمۇ مەشىقنى تاشلىمىغان، ئۇنىڭ ھازىرقى ئىنتىلىشى پەقەتلا كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش!

كرىستىيانو رونالدو ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئەڭ يېڭى فىلىمىنى ھەمبەھىرلەپ: «غەيرەت قىلىڭلار بۇرادەرلەر، كۆپچىلىك بىرلىكتە، ئاخىرغىچە»، دېدى.

گەرچە يۇۋېنتۇس بۇ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما كرىستىيانو رونالدونىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتقاندىن كېيىن كوماندىنىڭ ھازىرقىدەك ھۇجۇم كۈچى ئاجىز بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپلا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن.