قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولسا دورا يېيىش كېرەكمۇ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-10-29
來源:تېڭشۈن تورى

قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش يۇقىرى قان بېسىم ۋە دىيابېت كېسەللىكىدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، يۇقىرى قان بېسىم يۇقىرى بېسىم ۋە تۆۋەن بېسىم دەپ ئايرىلىدۇ، دىيابېت كېسەللىكى ئاچ قورساق ۋە تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتى دەپ ئايرىلىدۇ.

بىز پەقەت ئامال قىلىپ يۇقىرى بېسىم بىلەن تۆۋەن بېسىمنى ياكى ئاچ قورساق ياكى تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى نورمال ھالەتكە چۈشۈرسەكلا قان بېسىمى، قان شېكىرىنى كونترول قىلىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بىراق، قاندىكى ماي مىقدارى پەقەت بىرلا كۆرسەتكۈچكە ئىگە ئەمەس، قاندىكى ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى ئۈچ خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ، ھەر بىر خىل ئەھۋالنى داۋالاش ئۇسۇلى ئوخشاش ئەمەس.


1. قاندىكى ماي تەركىبى ياخشى-يامان دەپ ئايرىلىدۇ، تۆت كۆرسەتكۈچ بار.

قان بېسىمى ۋە قان شېكىرى يۇقىرى بولسا چوقۇم ياخشى بولمايدۇ، لېكىن قاندىكى ماينى ئاددىي ھالدا بۇنداق چۈشىنىشكە بولمايدۇ، چۈنكى قاندىكى ماي يەنە ياخشى سۈپەتلىك قان مېيى ۋە ناچار سۈپەتلىك قان مېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قان مېيى ئادەتتە ئومۇمىي خولېستېرول، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول، يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول، ترى گلىتسېرىد قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

(1) ياخشى سۈپەتلىك قان مېيى: يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرولى بولسا ياخشى سۈپەتلىك قان مېيى، چۈنكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرولى قان تومۇر ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشنى ئاستىلىتىدۇ ۋە كونترول قىلىدۇ، بۇ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

(2) ناچار سۈپەتلىك قان مېيى: نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئومۇمىي خولېستېرول، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول، ترى گلىتسېرىد قاتارلىقلار ناچار سۈپەتلىك قان مېيىىغا كىرىدۇ، بىز ئادەتتە دەۋاتقان قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش ئاساسلىقى ئومۇمىي خولېستېرول، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول، ترى گىلىتسېرىندىن ئىبارەت بۇ ناچار سۈپەتلىك ياغلارنىڭ ئۆرلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قان يېغى قان تومۇر ئەخلەتلىرىنى كۆپەيتىپ، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.


2. قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كەتسە ياكى تۆۋەنلەپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ياخشى سۈپەتلىك قان مېيى بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن يۇقىرى بولغىنى ياخشى، يەنى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ئۆرلەپ كەتكەندە، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپلا قالماستىن يەنە خاتىرجەم بولۇش كېرەك. چۈنكى يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرولى ئۆرلەپ كەتكەندىن كېيىن، نەزەرىيە جەھەتتىن يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرولى تۆۋەنلىگەندە، زىيادە جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداقلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانداق يېمەكلىك ياكى دورا يېيىش ئارقىلىق يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى ئۆرلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىز قان يېغىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

مەلۇم دەرىجىدە ناچار سۈپەتلىك قان مېيىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاندىكى ياخشى سۈپەتلىك ماينى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.


3. قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى ئۈچ خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ.


(1) نوقۇل ترى گلىتسېرىد ئۆرلەش

قان ئېلىپ قاندىكى ماينىڭ تۆت تۈرىنى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرگەندە، پەقەت ترى گلىتسېرىدنىڭ يۇقىرى، قالغان ئۈچ تۈر نورمال بولسا، يۇقىرى ترى گلىتسېرىنلىق قان كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

نورمال قىممەتتىكى ترى گلىتسېرىد ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ، ئىچكى ئەزالارنى قوغدايدۇ، ترى گلىتسېرىدنىڭ نورمال پايدىلىنىش قىممىتى: 0.451.69mmol/L. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ترى گلىتسېرىد 1.70 مىللىمول / لېتىردىن تۆۋەن بولسا مۇۋاپىق سەۋىيە بولىدۇ؛ 1.70-2.25 مىللىمول / لېتىرغىچە بولسا دەرىجىسى يۇقىرىلايدۇ؛ 2.26 مىللىمول / لېتىردىن يۇقىرى بولسا قاندىكى تېرى گىلىتسىرىد تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.


ترىگلىتسېرىد 2.26دىن يۇقىرى بولۇش ئىككى خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ:

بىر خىلى، تىرىگىلىتسېرىن ئۆرلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما 5.6دىن يۇقىرى بولمىغان، ئۇنداقتا بۇ ۋاقىتتا ئادەتتە ئالدى بىلەن ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمىز. بولۇپمۇ ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، ترى گلىتسېرىدنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يېمەك-ئىچمەكنىڭ ساغلام بولماسلىقى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، مايلىق يېمەكلىكلەر، تۈجۈپىلەپ ئىشلەنگەن ئاشلىقنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ترى گلىتسېرىدنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ترى گلىتسېرىد ئۆرلىگەندىن كېيىن، چوقۇم ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھاراق تاشلاش، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، مايلىق يېمەكلىكلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش، دانلىق ۋە ئاق ئاشلىقنى مۇۋاپىق ئازايتىش، قارا ئاشلىقنى كۆپەيتىش، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش، بېلىق گۆشىنى كۆپرەك يېيىش، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار ترى گلىتسېرىدنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

كۆپ قىسمى يېنىك دەرىجىدە ترى گلىتسېرىد يۇقىرىلغانلار، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسە ترى گلىتسېرىد نورماللىشىدۇ، ھەتتا كۆپ قىسمى ئەھۋالدا دورا يېمىسىمۇ بولىدۇ.


ئىككىنچى خىلى، ترى گلىتسېرىد 5.6دىن يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا، ئادەتتە دورا يېيىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا ترى گلىتسېرىد ئۆرلىسە، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ۋاقىتتا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ ترى گلىتسېرىد 5.6دىن يۇقىرى بولۇپ، بەك كۆپ يىسە ياكى ھاراقنى كۆپ ئىچسە، ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا تېزدىن دورا ئىچىپ ماينى تۆۋەنلىتىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


(2) ساپ ئومۇمىي خولېستېرول ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول يۇقىرىلاش

ئەگەر ترى گلىتسېرىد نورمال بولسا، پەقەت ئومۇمىي خولېستېرىن ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرولى يۇقىرىلاپ كەتسە، بىز بۇنى يۇقىرى خولېستېرىنلىق قان كېسىلى دەپ ئاتايمىز. بولۇپمۇ تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرولى بىر تەرەپتىن قان تومۇر ئىچكى دىۋارىدىكى ياللۇغلىنىش رېئاكسىيىسىنى ئېغىرلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قان تومۇردىكى ياغسىمان ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ قان تومۇر داغلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، قان تومۇرنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ئەڭ ناچار قان مېيى دەپ ئاتىلىدۇ.


ئادەتتە خولېستېرول ھۈجەيرىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلاپ، ھورمۇننى سىنتېزلاشقا قاتنىشىدۇ؛ ئەگەر خولېستېرول بەدەننىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئېھتىياجىدىن تۆۋەن بولسا، خامۇشلۇق كېسىلى، مېڭىگە قان چۈشۈش، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى قاتارلىقلارغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن.


خولېستېرىن ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ ئۆلچەملىرى:

ئومۇمىي خولېستېرىن 2.85.17mmol/L

تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول 3.4mmol/Lدىن تۆۋەن بولىدۇ

خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول . 2.6mmol/Lدىن تۆۋەن بولىدۇ.

ئىنتايىن خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرول 1.8mmol/Lدىن تۆۋەن بولىدۇ.


تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ئەڭ يامان بولغان قان مېيى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى بولمىغان ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن پايدىلىنىش ئۆلچىمى 3.4mmol/L؛ دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، بويۇن ئارتېرىيە دېغى قاتارلىق يۇقىرى خەتەرلىك ئامىللار بار كىشىلەرگە نىسبەتەن 2.6mmol/Lدىن كىچىك بولىدۇ؛ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى ئېنىق بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن 1.8mmol/L بولىدۇ.


خولېستېرىن ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار، بىر تەرەپتىن، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ساغلام بولماسلىقى بولۇپ، %20نى ئىگىلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىرسىيەت مېتابولىزمى ئامىللىرىدۇر.

شۇڭا بۇ خىل قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلىنى بايقىغاندا، ئالدى بىلەن ساغلام يېمەك-ئىچمەك ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ئارقىلىق قاندىكى ماينى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ساغلام يېمەك-ئىچمەك ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى قوللانغاندىن كېيىن ، قاندىكى ماي تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارقىلىق خولىستېرىن بىلەن تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، ئەمما نورماللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا قاندىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرولىنىڭ بەدەندە ئۆرلەش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرى خولېستېروللۇق قان كېسىلىگە قارىتا، ئادەتتە ساغلام تۇرمۇش ئاساسىدا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياغنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىچىش كېرەك.


(3) ترى گلىتسېرىد ۋە ئومۇمىي خولېستېرىن، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرولى بىردەك يۇقىرىلايدۇ

يۇقىرىقى ئىككى خىل قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشتىن باشقا، يەنە بىر خىل ئېھتىماللىقمۇ بار، بۇ بىر نەچچە خىل قان مېيىنىڭ ھەممىسى يۇقىرىلايدۇ، بۇ ئارىلاشما يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئۇنداقتا دورا ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىككە كەلسەك، زادى بېيتې تۈرىدىكى دورىلار بىلەن ترى گىلىتسېرىن تۆۋەنلىتىش كېرەكمۇ ياكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش كېرەكمۇ ياكى ئىككىسىنى بىرلىشىپ ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟

ئادەتتە ئىككى دورىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئومۇمەن، ئوخشاش بولمىغان قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن كۆپچىلىك شۇنى بايقىيالايدۇكى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشتىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ساغلام غىزالىنىپ، ئىمكانقەدەر مايلىق يېمەكلىكلەرنى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئازايتىپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، قارا ئاشلىق، بېلىق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ھاراق تاشلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشنى تىزگىنلەشنىڭ ئاساسى.

ساغلام تۇرمۇش ئاساسىدا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ياغنى تۆۋەنلەتكۈچى دورا ئىچىش-ئىچمەسلىكنى قارار قىلىش كېرەك.