بىلگۈچى سۆزلىمەيدۇ، سۆزلىگۈچى نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ-دە، ئاندىن پۇشايماندا قالىدۇ. نۇرغۇن تەقدىر-قىسمەتلەرنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ.
نۇرغۇنلىغان ھېسسىيات-مۇھەببەتلەر قولدىن چىقىپ كەتكىنىدە، قايتا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
كۆپلىگەن ساداقەتلەر سۇۋۇپ كەتسە قايتا ئىللىقلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدۇ ئەمەس، پەقەت كىم كىمنى قەدىرلىمىگەنلىك ئەھۋالى مەۋجۇدتۇر.
ۋاقىراپ-جارقىراپ كېتىمەن دېگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇرۇق ھەيۋە كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پەقەت ئۈن-تىنسىز ئىشىكنى يېپىپ ئايرىلغانلار ھەقىقىي كۆڭلى سوۋۇپ، ئۈمىدىنى ئۈزگەن كىشىلەردۇر.
مەيلى قايسى خىل مۇناسىۋەت بولسۇن ئېرىشكەندە چوقۇم قەدرىنى قىلىش كېرەك.
ھەمراھ بولغىنىدا يۈرىكىڭىزدىن چىقىرىپ قەدىرلەڭ، ھەرگىزمۇ يوقاتقاندا ئاندىن پۇشايمان قىلماڭ. ئايرىلغاندا ئاندىن قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇنماڭ، كىشى يېنىڭىزدىن ئايرىلغاندا ياش تۆكۈشىڭىز بىھاجەت، مۇناسىۋەت ئۆزگەرگەندە يالۋۇرۇشىڭىزنىڭمۇ ئەھمىيىتى يوق.
ھەرقانداق مۇناسىۋەتنى قەدىرلىگەندە ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
كىشىلەر ئارىسىدىكى چىن ساداقەتكە ئېرىشىش تولىمۇ تەس، شۇڭا ھەرگىز ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ.
مۇناسىۋەت سۇسلاشسا، قايتا قويۇقلاشمايدۇ، كۆڭۈللەر يىراقلاشسا، قايتا يېقىنلاشمايدۇ.
دۇنيادىكى يۈرەكنى ئاغرىتىدىغان سۆز دەل ئايرىلىشتۇر، كىشىنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىدىغىنى قەدىرلەشتۇر.
قەدىرلىگەندىلا ئەپسۇسلىنىشلارنى ئازايتقىلى بولىدۇ، قولدىن بېرىۋەتمىگەندە ئاندىن بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.