بۈگۈن سەھەر ئوينالغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا، بارسېلونا مېھمان مەيداندا 2-0 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلدى، مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس بەردى.
«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ بارسېلونانىڭ تۇنجى قېتىم مېھمان مەيداندا يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلىشى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوينالغان ئالتە قېتىملىق مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولغان. بارسېلونانىڭ يېقىنقى ئىككى قېتىم مېھمان مەيداندا يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلالمىغان ۋاقتى 2016-2017 پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ئەينى ۋاقىتتا 0-3 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغان، يەنە بىر قېتىملىقى بولسا 2017-2018 پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، ئەينى ۋاقىتتا 0-0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالغان.