تىلى گۈزەل ئانا بىر ئائىلىنىڭ بەخت ئامىتىدۇر

ئەلكۈيى تورى
2020-10-29
來源:سالون يازمىسى

سودا-سارايدا ئادەملەر مىغ-مىغ ئىدى. تۇرقىدىن ئەمدىلا بەش-ئالتە ياشلارغا كىرگەنلىكىنى چىقىپ تۇرىدىغان كىچىك قىزچاق سودا-ساراينىڭ تازىلىق ئۆيىدە سۇ ئويناپ كىيمىنىڭ يېڭىنى خېلى بەك ھۆل قىلىۋەتتى. ئاپىسى قىزىنى تارتقۇشلاپ چىقىپ سۆزلەپ كەتتى. ئاپىسى بەك كۈچىۋەتكەنلىكىدىن قىزچاقمۇ سەنتۈرۈلۈپ كەتتى.

_ سۇ ئوينىمىساڭ ئۆلەرمىدىڭ؟ كىيىملىرىڭ بىكارغا كەلگەنمۇ؟ بۇنىڭغا پۇل كەتمەمدۇ؟ قانداق بولۇپ سەندەك بىر نەرسىنى تۇغۇپ قالغاندىمەن......

قىزچاق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن، چىرايىدا بىردەمدىلا قان قالمىدى. قىزچاق خۇددى يىپتا كونترول قىلىنىدىغان ياغاچ قونچاقتەك ئانىسىنىڭ تارتىشىغا ئەگىشىپ دەلدەڭشىپ تۇراتتى.

بالا بىلەن زادى قانچىلىك ئۆچ-ئاداۋىتى بولغانغا، مۇشۇنداق خەيرىلىك بايرام كۈنلىرىدە بالىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ؟

ئادەمگە شۇنچە ئازار بېرىدىغان گەپلەر ئانا بولغۇچىنىڭ ئېغىزىدىن نېمىشقا شۇنچە ئوڭايلا چىقىدۇ؟ بولۇپمۇ ئۆزى 10 ئاي قورساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ بېقىپ چوڭ قىلغان بالىسىغا ھېچقانداق ئويلاشماستىنلا قالايمىقان ئېغىر گەپلەرنى قىلىۋېرىدۇ؟

گەپ-سۆز ئۆتكۈر قورالغا ئوخشايدۇ. بۇنداق ئاچچىق گەپلەر خۇددى پىچاققا ئوخشاش بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ، قەلبىنى زېدە قىلىدۇ.

ئانا سىزنىڭ قاتتىق قوللۇقىڭىزغا بولۇمسىزلىقىڭىز يوشۇرۇنغان.

ئانا، سىز ئاغزى-ئاغزىڭىزغا تەگمەي بىزنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىسىز-يۇ، چىرايىڭىز خۇددى ئادەمنى يەيدىغاندەك رەزىل قىياپەتكە كىرىپ قالىدۇ. نېمىشقا؟

01

ئانىنىڭ ئېغىزىغا بالىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ئىللىقلىقى يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

ئاشۈەن كىچىك ۋاقتىدا، ئاپىسى ئۇنى ھە دېسىلا باشقا بالىلار بىلەن سېلىشتۇراتتى، ئۇنى ئەزەلدىن ماختاپ باقمايتتى. ھەرقېتىم ئۇرۇق-تۇغقانلار يىغىلغاندا، ئاپىسى ئۇدۇللا ئۇنى بىرەر قۇر غاجاپ چىقاتتى. بۇلارنى ئاڭلىغان ئاشۈەننىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولاتتى، توختىماستىن يىغلايتتى. ئاپىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشسىمۇ ئۈنۈمى بولمايتتى. ئاپىسى ئازراقلا خاتالىقىنى تۇتىۋالسا توختىماستىن سۆزلەيتتى.

ئاشۈەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشسە «ئاستا قىلىدىكەنسەن، پاكىز قىلمىدىڭ مىس-مىس» دەپ ئاغرىناتتى. ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىسا يەنە ئۇنىڭدىن «ھورۇن، ئۆي ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بەرمىدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىغا يېتىشنى بىلمەيدۇ» دەپ رەنجىيتتى.

ئاشۈەننىڭ ئانىسى كونا خاماننى سورۇيدىغان ھەرقانداق پۇرسەتنى بوش قويۇۋەتمەيتتى. خۇددى كونىراپ كەتكەن ناخشا پىلاستىنكىسىغا ئوخشاش، توختىماستىن بالىنى ئەيىبلەيتتى. بالىنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى، قانداق قىلىپ ئۇنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىكىنى سۆزلەپ دەرد تۆكەتتى.

ئانىسىنىڭ قۇلاققا سانجىلىدىغان، كۆڭۈلنى ئاغرىتىدىغان گەپ-سۆزلىرى، ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن ئاشۈەننىڭ قەلبىدە ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشى پەيدا قىلىپ قويغانىدى.

ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ كەلسەك، بۇلارنىڭ ھەمىسىنىڭ سەۋەبى ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان كىچىك ئىشلار ئىدى.

بالا خۇددى بىر قۇتىغا ئوخشايدۇ، چوڭلار تۇرمۇشتىكى ئاغرىنىشلىرىنى ۋە ئاچچىق، ئېغىر گەپلەرنى بۇ قۇتىغا تاشلاۋەرسە، ھامان بىر كۈنى بۇ قۇتىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ئېتىلىپ كېتىدۇ.

زەھەرخەندە، ئاچچىق گەپ-سۆزلەر ئېغىزدىن چىققاندا، ئانىنىڭ ھەرقانداق ياخشىلىقى پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

ھېچقانداق بالا قاراڭغۇ زۇلمەتچىلىكتە نۇر چاچالمايدۇ.

«مەن سېنىڭ ئاناڭ، مەن بىلەن گەپ تالىشىشقا پېتىنىۋاتامسەن؟» دېگەن بىر ئېغىز گەپ بالىنىڭ قەلبىدىكى مىننەتدارلىقنى ئاغرىنىشقا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

02

ئاتا-ئانىنىڭ ئېغىزى بالىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ يۈكسەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.

داڭلىق ئەدىب خۇشى(胡适) «مېنىڭ ئانام» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:« مېنىڭ ئانام كەڭ قورساق، مىجەزى ياخشى، بەك مېھرىبان، مۇلايىم. ئەزەلدىن باشقىلارغا ئازار بېرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلمايدۇ».

بىراق ئەمەلىي تۇرمۇشتا بالىسىنى ماختاشنى ياخشى كۆرىدىغان ئانىلاردىن نەچچىسى بار دەيسىز؟! نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار خۇددى بالىسىنى ماختىسا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ياخشى گەپلىرىنى بالىسىدىن ئايايدۇ. خۇددى بالىسىنى بىرەر قېتىم كەم ئۇرسا بالىسى يامان يولغا كىرىپ قالىدىغاندەك ئۇرۇشنى، تىللاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

«ئۇلار ئەزەلدىن لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن بولالمىغان، ھەم لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن تىرىشمايدۇ-يۇ، بالىسىنىڭ داۋاملىق لاياقەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ».

25 ياشقا كىرگەن تيەن تيەن دوستلار چەمبىرىكىدە دەردىنى تۆكتى.

«سېنى باققىچە بىرەر تال ئىت باققان بولسامچۇ. ئىت جېنىدا ئىگىسىگە قاراپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىشنى بىلىدۇ».

بۇ تيەن تيەننىڭ ئاپىسىنىڭ دائىم ئۇنىڭغا دەيدىغان سۆزى بولۇپ، تيەن تيەن ئانىسىنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە خېلى تىرىشقان بولسىمۇ، باشتىن-ئاخىر ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. بۇ تيەن تيەننىڭ ئەڭ چوڭ غېمى بولۇپ قالغانىدى. مۇلايىم بولۇش، ياخشىچاق بولۇش، ئەركىلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى سىناپ باقتى، ئانىسىغا كار قىلمىدى. ئانىسىغا قاتتىق گەپ قىلىپمۇ باقتى. ئانىسى ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلدى. ھېچقايسىسىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى. ئانىسىنىڭ ياخشى گېپىنى ئاڭلاش پەقەت ئانىسىنىڭ ياخشى گەپ قىلىشنى خالىغاندا ئاندىن مۇمكىن بولىدىغان ئىشتەك قىلاتتى.

تيەن تيەن ئانىسىنڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايتتى. ھالبۇكى كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تيەن تيەن ئۆزىنىڭ بارغانسېرى ئانىسىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئانىسىنىڭ ئېغىزىدىن ئانچە-مۇنچە چىقىپ كېتىدىغان سەت گەپلەر، ئانىسىنىڭ قاتتىق ئاچچىقلاپ ۋارقىراشلىرى بىلىپ-بىلمەستىن تىيەن تىيەنگىمۇ سىڭىپ قالغان بولسا كېرەك. بۇ قىلمىشلار تيەن تيەننىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ئانچە-مۇنچە ئاشكارىلىنىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقىمىكىن، تيەن تيەن ئاپىسى بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئولتۇرۇپ سىردىشالمايتتى. ئۇلار دائىم كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قالاتتى.

«چوڭ بولۇپ ساڭا ئايلىنىپ قالدىم» دېگەن بۇ گەپ خۇددى بىر خىل قارغىشتەكلا تۇيۇلاتتى.

تيەن تيەن ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئۆزىنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىشقا ئامالسىز قېلىشى ئۇنىڭ ئەڭ ئازابلايدىغان ئىش ئىدى. ئاتا-ئانىسى ياۋۇزلۇق بىلەن چىرايىنى تۈرۈپ بالىلارغا ۋارقىرىسىمۇ، بالىلار مەڭگۈ ياق دېيىشكە ئامالسىز ئىدى.

بالىنى ماختاشنى ئۇلار بالىغا زىيادە ئامراقلىق قىلىپ كەتكەنلىك بولىدۇ دەپ قارايتتى، بۇنداق قىلىش بالىلارغا زىيانلىق دەپ ئويلايتتى؛

ئۇلارچە بولغاندا، بالىلارنى دادىللىق بىلەن ئەيىبلەش، تەنقىدلەش، ھەتتا ئۇرۇش، تىللاش توغرا بولغان بالا تەربىيلەش ئۇسۇلى ھېسابلىناتتى.

بالىلارغا كەلسەك، بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەق-ناھەق، ئاق-قارىنى ئۆزى ئايرىيالايدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۆزى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، بىراق ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشى بىلەن قورقۇنچاقلىق، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلالماسلىق كەيپىياتى بالىغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ. بۇلار بالىنىڭ كىشىلىك ھاياتىغا مەڭگۈ سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازابلايدۇ. بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار مۇشۇنداق ئوخشاش ئەھۋالنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىرىدا كۆرۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ قەلبىنى تىنچلاندۇرۇشقا، ئۆزىدە جۈرئەت-جاسارەت پەيدا قىلىشقا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى قايتىدىن تىكلەشكە، تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

03

ئانىنىڭ ئېغىزى بىر ئائىلىنىڭ بەخت-تەلىيى، ئامىتىدۇر.

ئېمىرسون مۇنداق دېگەن: ئائىلە دادىنىڭ تۇپرىقى، ئانىنىڭ دۇنياسى، بالىلارنىڭ باغچىسىدۇر.

ھەرقانداق بالىنىڭ قەلبى يۇمران، نازۇك بولىدۇ. ئانىسى ئېيتقان يېنىككىنە گەپلەر بەزىدە بالىغا بىر شاپىلاقتەكلا تېگىدۇ.

خۇەن خۇەن 32 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مۇشۇ كەمگىچە، ئانىسى بىلەن بىللە تاتلىققىنە كۈلۈشۈپ بازار ئايلىنىپمۇ باقمىغان. خۇەن خۇەن توي قىلغاندىن كېيىن ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان. كېيىنچە ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىيالىغان بولسىمۇ، ئانىسىنىڭ مىجەزىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

خۇەن خۇەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى، ئانىسى ئۇنى ھەركۈنى دېگۈدەك تىللايتتى. ئانىسى كۆڭلىدە خۇەن خۇەننىڭ غەيرەت قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ھەم ئۇنى ئۆزىنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايتتى. ئانىسى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىلىق سالاھىيىتىنى پەش قىلىپ، بالىنى ئۇرۇش تىللاشنى نورمال ئىش، خۇەن خۇەن بالا بولغاندىن كېيىن چىدىشى كېرەك دەپ قارايتتى.

ئانىسى خۇەن خۇەننى ھە دېسىلا نېرۋا كېسەل دەپ تىللايتتى. بۇنداق تىل-ئاھانەتنى كۆپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇەن خۇەن بەزىدە ئۆزىنىڭ راستىنلا شۇنداق كېسىلى بارلىقىدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالاتتى.

غەمخورلۇقنىڭ كەمتۈكلۈكى بىر يوچۇق. قاراڭغۇ تۇتۇق ئائىلە مۇھىتى بولسا بىر ئۆتكۈر بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ.

ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى تەرىپىدىن تىل-ئاھانەتكە ئۇچرىغاندا، ئۆزى ھۆرمەت قىلىدىغان ھەم چوڭقۇر سۆيىدىغان كىشىلەر ھېچنەرسىگە قارىماستىن ياۋۇزلىشىپ تەلەتىنى بۇزغاندا، بالا بولغۇچى ھەممىنى چۈشىنىپ ھېس قىلغان تۇرۇقلۇقمۇ پۈتۈنلەي ئىلاجسىز قالغاندا بالىلارنىڭ يۈرىكى ھەممىدىن بەك ئاغرىيدۇ.

گەپ قىلىشقا ھېچقانداق تەننەرخ كەتمەيدۇ. ياخشى گەپ قىلىش، گەپنى ياخشى قىلىش ئانا بولغۇچىنىڭ پاراسىتىنى سىنايدىغان ئىش.

ئەقىللىق ئانىلار تۇرمۇشتا ئەزەلدىن ئاغزىغا كەلگەننى دەپ باشقىلارنى تەڭسىزلىكتە، خىجىلچىلىقتا قويماستىن، باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، قارشى تەرەپنى راھەت ئازادە ھېس قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

گەپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايال ئەركىشىنىڭ ئەزىزى، بالىنىڭ ياخشى يول باشلىغۇچىسى، بىر ئائىلىنىڭ روھىي تۈۋرۈكىدۇر.

بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىك ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە روھىي ھالىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۈن-تىنسىز تەسىر قىلىدۇ، داۋام ئېتىدۇ.

ئانىنىڭ ئېغىزى بىر ئائىلىنىڭ بەخت-تەلىيى، ئامىتىدۇر.

04

ياخشى گەپ قىلىش ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشىدۇر.

ئانىسىدىن زەھەرخەندىلىك بىلەن ئېيتىلغان ئاچچىق گەپلەرنى ئاڭلىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

بۇنداق ئەھۋالدا قالغان ئادەم قورقىدۇ، جىددىيلىشىدۇ، تەسۋىرلىگۈسىز مۇرەككەپ كەيپىياتتا بىئارام بولۇپ تولغىشىدۇ. ئەگەر بالا بەرداشلىق بىرەلمەي گەپ قايتۇرغىدەك بولسا، كەيپىيات تېخىمۇ يىغىشتۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

-مۇشۇ ھالىڭغا سېنىمۇ ئوقۇغان ئادەم دېگىلى بولامدۇ، ئوقۇغانلىرىڭ قەيەرگە كەتتى؟

-سەندەك ئادەمنى ئالىدىغان ئادەممۇ چىقارمۇ؟

-سەندەك ئادەمنى كىممۇ يارىتار؟

- 20 نەچچىگە كىرىپ قالغان ئادەم ئەقلىڭ ئۈچ ياشلىق بالىلارنىڭكىدەكلا ئىكەن!

بۇنداق گەپلەر قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ بالىلىقىغا ھەمرا بولدى ھە!

ئانا بولغۇچى گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن. تېخى بەزى ئانىلار ئۆزىنىڭ بۇنداق گەپلەرنى دېگەنلىكىنىمۇ بىلمىسە كېرەك. ئۇلار ئاددىيلا ئويلاپ، بالىلارنى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنىڭ «ئەخلەت چىلىكى» قاتارىدا كۆرىدۇ. بالا ئاچچىقلىغاندا بولسا بىھۇدە غەلۋە قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ. بالىلارنىڭ ئاچچىقلىنىشىنى يولسىزلىق دەپ بىلىدۇ.

ئانىسىنىڭ تىل زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندا، بىر قىسىم بالىلار ئازابلىق ھېسسىياتنى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا كۆرىدۇ، ھەتتا بۇنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

«ئانامدىن ئاغرىنسام بولمايدۇ. نېمىلا دېگەنبىلەن ئاۋۋال خاتالاشقىنى مەن تۇرسام. ئانام ئىلگىرى مەندىن شۇنچە چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن، بىراق مەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردىم».

بەزىدە ئانا بولغۇچى گەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئازراقلا ئۆزگەرتسە بالىنى تېخىمۇ ياخشىراق تەربىيلىگىلى بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ئۆيدە چوڭ تازىلىق قىلشىقا توغرا كەلگەندە، كۈنبويى ئۆي تازىلاپ ھېرىپ كەتكەن ئانا، بالىسىدىن رەنجىگەن ھالدا: «سەن نېمانچە ھورۇن، مىدىرلاپمۇ قويمايدىكەنسەن؟» دېيىشى مۇمكىن.

ئەگەر بۇنداق چاغدا ئانا ئويلىنىۋېلىپ، بالىغا: «بالام بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆينى بىللە پاكىز تازىلىسا، ئۆيدىكى مەينەتچىلىكلەر بىلەن ئاۋارىچىلىق بىللە چىقىپ كېتىدۇ. سەنمۇ ياردەملىشىپ ئورۇندۇقلارنى سۈرتۈپ ياردەملەشكىن. بولامدۇ؟» دېسە ئانىغىمۇ، بالىغىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

بالا خاتالاشقاندا، خاتا قىلغان يېرىنى ئۇدۇل ئېنىق قىلىپ تۈزىتىپ بېرىش كېرەك. ئازراقلا بىر ئىش بولسا، تەنە، سېسىق گەپلەر بىلەن بالىنى ھاقارەتلەش ياخشى ئىش ئەمەس.

بالىنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشقان ئاساستا ياخشى گەپلەرنى قىلىش ئانا بولغۇچىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى، شۇنداقلا ئۆمۈرلۈك ئىشىدۇر.

سەي يۈەنپېي ئىلگىرى «ئېلىمىزدىكى تەربىيە» (中国人的修养) دە:« ئائىلە ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەكتىپىدۇر. ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەخلاقى-پەزىلىتى، مىجەز-خۇلقى مىڭ خىل ئۆزگەرسىمۇ ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ. بالىنىڭ ئاساسلىق خاراكتېرى تۇغۇلغان ئائىلىدە يېتىلگەن بولىدۇ» دېگەن.

ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن بالا تەربىيلەش ئۆزىنى تەربىيەلىگەنگە، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرگەنگە باراۋەر.

كىممۇ كاكتۇسنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىپ كەترەنگۈلىگە ئېرىشەلىسۇن؟

«ئىلگىرى چوڭ ئىككى قولنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن شۇنچىلىك تىرىشقان بىر جۈپ كىچىك قوللار بار ئىدى. چۈنكى ئۇلار شۇ چوڭ قوللارنى چىڭ تۇتالىسىلا ئۆزلىرىنى بەختلىك سانايتتى. بىراق ئۇنداق بولماي قالدى».

ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىلىق دەۋرى بولغان. تىل زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ھەربىر بالىنى قۇچاقلاڭ، ئۇلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. بەختلىك ئائىلىدە ئۆتكۈر گەپ-سۆز بىلەن ئەيىبلەش، سېسىق گەپلەر بىلەن تەنە قىلىش، غەزەپ بىلەن ئۇرۇپ-تىللاش دېگەندەك ئىشلار بولمايدۇ.

ئائىلىڭىزگە مەڭگۈ شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك يار بولغاي.